«غەربىي فرانسىيە» گېزىتى «كابۇلدىكى ھەقىقىي خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى

(پارىژ خەۋىرى)
2021- يىلى 24- يانۋار فرانسىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان «غەربىي فرانسىيە» گېزىتى ئۆزىنىڭ تور بەت سەھىپىسىدە «كابۇلدىكى ھەقىيقى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 25-يانۋار

 

(پارىژ خەۋىرى)
2021- يىلى 24- يانۋار فرانسىيەدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان «غەربىي فرانسىيە» گېزىتى ئۆزىنىڭ تور بەت سەھىپىسىدە «كابۇلدىكى ھەقىيقى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە ساختا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تالىبان قارتىنى ئويناپ ساختا تېرور تورىنى بەرپا قىلىپ، ئامېرىكا شۇنداقلا ئافغانىستاننىڭ رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن. ماقالىدا يېزىلىشىچە، 2020- يىلى دېكابىردا ئافغانىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ بىر جاسۇسلۇق ئورگىنىنى پاش قىلغان بولۇپ، بۇ ئورگان دەل ساختا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نىڭ كابۇلدىكى ئىش ئورگىنى ئىكەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە بۇ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى پاكىستان ئىستىخپارات ئورگانلىرى ۋە يەرلىك تېررورىست تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارا چاپلاش ئىكەن.
يۇقىرقى بايانلار «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارلانغان، ئەمما ئافغانىستان دائىرىلىرى بۇ ئىشنى رەت قىلغان. «غەربى فرانسىيە» گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئىزچىل يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشلىرى ئارقىسىدا، «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» دە ئاشكارىلىغان بايانلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان.
مۇخبىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئافغانىستان سابىق ئەمەلدارلىرىدىن بىرقانچىسى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاشكارلىغان بايانلىرىدىنمۇ بېيجىڭنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبانلار قارتىنى ئويناش ئارقىلىق مەركۇز رايوننىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن سۈرگەن ھالدا دەلىللىگەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە ئافغانىستان 19- ئەسىردىن بۇيان كۆپلىگەن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رىقابەتلىشىشىدىكى مۇھىم كوزىر بولۇپ كەلگەن. تارىختا ئەنگىلىيە، روسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ كونتروللىقىدا ئېلىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى بۇ رايوننى 20 يىلغا يېقىن كونترول قىلىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ رايونغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان.
ماقالىدا خىتايلارنىڭ 36 تەدبىرى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، «يېقىندىكى دۈشمەننى يوقىتىش ئۈچۈن يىراقتىكى دۈشمەن بىلەن دوست بولۇش» ھىيلىسىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان يوقىتىشىنىڭ خەلقئ‍ارادا قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تالىبانلار بىلەن بىرلىشىپ، ساختا تېررور ئويۇنى ئويناپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھىيلىگەن.

 

خەۋەر مەنبەسى:

 

https://www.ouest-france.fr/monde/afghanistan/a-kaboul-vrais-espions-chinois-et-faux-terroristes-ouighours-7128872?fbclid=IwAR1EWPPVvWippc_7iv1M-VRiPyvN5KLXKa1hj9OVHFTDjiMcoQD7nbnYBzM

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاقساراي باياناتچىسى: ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك رىقابىتى 21- ئەسرنىڭ ئەڭ زور بەلگىسى

سە يانۋار 26 , 2021
ئاق ساراي باياناتچىسى ساچى مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك رىقابىتى بولسا 21-ئەسرنىڭ ئەڭ سىموۋۇللۇق ئالاھىدىلىكى. خىتاي بولسا دۆلەت ئىچىدە بارغانسرى دېكتاتۇرلاشماقتا، دۆلەت سىرتىدا ھەدىدىدىن ئاشماقتا. بېيجىڭ ئېغىر ۋاستىلەر بىلەن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز، تەرەققىياتىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا خىرىس قىلماقتا.بۇ ئامېرىكىدىن يېڭىچە تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

You May Like