يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل بولسا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ

يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل بولسا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى26-نويابىر

بۇ ھەپتە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە لىبېرال تەرەپدار بىلەن ھاسىل قىلىنغان بىرلەشمە كېلىشىمگە ئاساسەن ، يېشىللار پارتىيەسى 16 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئورتاق رەھبىرى ئاننالىنا باربوك ئۈستىگە ئالىدۇ دېيىشمەكتە . يېشىللار پارتىيەسى  «كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشنى يېتەكچىلىك قىلىدىغان» تاشقى سىياسەتنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدىغان پارتىيە بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان باش مىنىستىرنى خىتايغا بەك يۇمشاق مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە،  ۋە مېركېلنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە شياڭگاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى جىنايەتلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە گەۋدىلەندۈرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: تەجەللى ئابدۇلمەلىك

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سولومون ئارىلىدىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ خىتاي بازارلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان

جۈ نويابىر 26 , 2021
سولومون ئارىلىدىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ خىتاي بازارلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان

You May Like