گېرمانىيە ئاۋازى، 2020-09-24
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-25
ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كىرىپ قالغان تۈركىيەگە نىسبەتەن، بېيجىڭ تەمىنلىگەن غايەت زور مەبلەغ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ (ت-شەرقىي تۈركىستان) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. «فرانكفورت ئوبزورى» گېزىتى «ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ تۈركىيەگە زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.
ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەردوغان يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە خەلق ئىگىلىكىنى قايتا جانلاندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەكسىچە دۆلەت ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش بولدى. بۇ كرىزىس خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى. خىتاي تۈركىيەگە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ مەبلەغ 2021- يىلىغا بارغاندا 6 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. تۈركىيدە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى تىجارەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ مەبلىغى تۈركىيەگە نىسبەتەن چاڭقىغاندا سۇ بەرگەن» دەك ئىش بولدى. ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ.
ھالبۇكى، نەچچە يىل ئىلگىرى تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، ھەتتا 2009- يىلى خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى 2016- يىلى ئۆزگەردى. 2001- يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئەر قولغا ئېلىنغان، ئاندىن تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ ئەر ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن سوت تەرتىپىنى باشلىغان. ئەردوغاننىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولغان ئىش ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيەنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق ئىگىلىكى.
تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.dw.com/zh/%E5%BE%B7%E8%AF%AD%E5%AA%92%E4%BD%93%E5%9F%83%E5%B0%94%E5%A4%9A%E5%AE%89%E7%BC%98%E4%BD%95%E4%B8%8D%E5%86%8D%E6%8F%90%E6%96%B0%E7%96%86%E7%9A%84%E7%A7%8D%E6%97%8F%E7%81%AD%E7%BB%9D/a-55042968