گېرمانىيە سايلىمىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

گېرمانىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان ھەر قايسى كاندىداتلارنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24- سېنتەبىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

گېرمانىيە رادىئوسى(dw) نىڭ 24- سېنتەبىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: گېرمانىيە فېدېراتسىيە سايلىمىغا ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ كۈن قالغان ۋاقىتتا يەتتە چوڭ سىياسىي پارتىيەنىڭ كاندىداتلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۆتكۈزدى. ئالدىنقى قېتىملاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ چوڭ پارتىيە ئارىسىدىكى مۇنازىرىلەردە دىپلوماتىك ئىستىراتىگىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن،  بۇ قېتىم ھەر قايسى كاندىداتلار ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

23- سېنتەبىر كەچتىكى تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالغان كىشى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ كاندىداتى Annalena Baerbock بولۇپ، ئۇ مېركىل ھۆكۈمىتىنى « مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى » دەپ تەنقىدلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمىزنىڭ خىتايغا قارشى بىر يۈرۈش ئورتاق سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا قالايمىقانچىلىقتىن شۇنداقلا پارچىلىنىشتىن ساقلىنىمىز. بۇ سىياسىي تۈزۈمنى ئاساس قىلغان رىقابەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، يەنى: بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى گەۋدىسى ئاستىدا بىرلىككە كەلگەن ئىستىراتىگىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىمىز بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بولغان تاشقى سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچالايمىز.»

لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى Christian Lindner دەرھال  Baerbockنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ: « گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا پىسەنت قىلماستىن، ئۆز ئالدىغا » ياۋروپا- خىتاي مەبلەغ كېلىشىمى» نى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.» دېدى، ئۇ يەنە گېرمانىيە ئىقتىساد ساھەسىنىڭ خىتايغا بولغان تايىنىپ قېلىشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى ۋە: « خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بىز چوقۇم مەنپەئەت ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.» دېدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى «باۋارىيە خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى» (CSU) نىڭ رەئىسى Markus Söder قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: « گېرمانىيە ئەلۋەتتە خىتايغا خۇشامەت قىلماسلىقى كېرەك، ئەمما خىتايغا ئىش ئۆگىتىپ يول كۆرسەتمەسلىكىمۇ كېرەك.» ئۇ يەنە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «دۇنيا كۆز قاراشلىرى»نىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « بۇ خىلدىكى پوزىتسىيە گېرمانىيەدىكى يۈزمىڭلىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

 

« خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى» (CDU) نىڭ رەئىسى Armin Laschet مېركىلنىڭ خىتاي سىياسىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ «ئىشەنچلىك ھەمراھى» بولۇشى كېرەك ئىكەن. 

گېرمانىيەدىكى ئوڭ قانات پارتىيە «گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى» (AfD) مۇ يېشىللار پارتىيەسىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئاگاھلاندۇردى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ خىتايدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن كاندىداتى Alice Weidel مۇنداق دېدى: « گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان ياخشى ۋە تىنچ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىم.»

ھەر قايسى كاندىداتلار بۇ قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇنازىرە قىلغاندىن سىرت يەنە ئافغانىستان، ناتو، تۈركىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق باشقا ئىستراتېگىيەلىك دىپلوماتىيە مەسىلىلىرىنىمۇ مۇنازىرە قىلىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ۋىرۇسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، كىلىمات قاتارلىق تېمىلاردىمۇ مۇنازىرىلەر بولۇندى.

 

 

 

بۇ ھەپتىلىك ئېلىپ بېرىلغان ئەل رايى نەتىجىسىگە قارىغاندا كاندىداتلار ئىچىدە «سوتسىيال دېموكراتىيە پارتىيەسى» (SPD) نىڭ رەئىسى Olaf Scholz نىڭ قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 30% تىن يۇقىرى بولغان. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ كاندىداتى Annalena Baerbock ۋە خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ كاندىداتى Armin Laschetنىڭ قوللاش نىسبىتى 20% تىن ئاشمىغان. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇ بولدىكى: بۇ قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خەلق قوللاش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغانOlaf Scholz خىتاي مەسىلىسى توغرىسىدا بىۋاسىتە توختالمىغان، ئەمما دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە جەھەتتە «كۈچلۈك ھەم بىرلىككە كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى» نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.   

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مىڭ ۋەنجۇ خىتايغا قايتقاندىن كېيىنكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

شە سېنتەبىر 25 , 2021
مىڭ ۋەنجۇ خىتايغا قايتقاندىن كېيىنكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

You May Like