گېرمانىيە ئاۋازى: ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خۇا ۋېي ياۋروپادا بارغانسېرى كۆپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 18- يانۋار

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-18

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خۇا ۋېي ياۋروپادا بارغانسېرى كۆپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

خۇا ۋېي يېقىندىن بېرى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. شىركەتنىڭ مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ كانادادا قولغا ئېلىندى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېيجىڭ پولشادا قولغا ئېلىندى، ئامېرىكا ھۆكىمىتى مەھسۇلاتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئەڭ يېقىنقى ۋەقە بولسا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىئانە پۇلنى قۇبۇل قىلىشنى توختىتىشى بولدى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى تەتقىقات ھەمكارلىقى بولسۇن، ۋەياكى خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى بولسۇن، ئۇنىۋېرسىتىت بۇندىن كىيىن خۇا ۋېي ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بولغان ئورگانلار بىلەن يېڭى تەتقىقات پۇرسىتى ئىزدىمەسلىكنى قارار قىلغان. لېكىن، ئاللىبۇرۇن ھەمكارلاشقان تۈرلەر داۋاملىشىدىكەن.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ نۆۋەتتە بىزنىڭ بۇ خىلدىكى ئىككى تۈرىمىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خۇا ۋېيدىن ئېرىشكەن ئىئانە 692 مىڭ ياۋرو. خۇا ۋېي شىركىتى ئاللىبۇرۇن ئىئانە قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدى.››

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارارنى چىقىرىشنىڭ سەۋەبى بولسا، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى خۇا ۋېي بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ھەمكارلىقى خەلق ئارىسىدا ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

لېكىن، خۇا ۋېي شىركىتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەت تېخى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغان، ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى ساقلىماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ بىز 2001 يىلدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيىدە ئىشىمىزنى باشلىدۇق، بۇ يەردە 1500 خىزمەتچىنى ئىشقا ئالدۇق، ھەمدە 20 ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسى تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرىۋاتىمىز.››

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بىخەتەرلىك نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ خۇا ۋېينىڭ كۆچمە تور تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى قايتا ئويلىنىشقا تۈرتكە بۇلىشى، خۇا ۋېي شىركىتىنىڭ سودىسىغا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى.

ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيە خۇا ۋېينىڭ تېخنىكىسىنى چەكلىدى، ئەنگلىيىنىڭ شىركىتىمۇ ئاللىبۇرۇن بىخەتەر بولغان خۇا ۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سۆكۈپ تاشلىدى. كانادا، ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، پولشا، چېخ ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ خۇا ۋېي بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

ئاللىبۇرۇن خىزمىتىدىن چېكىنگەن خۇا ۋېينىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېي بۇ ھەپتىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خۇا ۋېي خىتاي ھۆكىمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دېگەن شىكايەتنى قەتئىي رەت قىلدى.

پولشا تارماق شىركىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېيجىڭ جاسۇسلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن پولشادا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خۇا ۋېي شىركىتى ئۇنىڭ شىركەت بولغان خىزمەت توختامىنى ئاخىرلاشتۇردى.

رېن جېڭفېينىڭ قىزى، خۇا ۋېنىڭ مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈزگۈرگەن ئىمبارگوسىغا خىلاپ قىلغانلىق سەۋەبلىك، ئالدىنقى ئايدا كانادادا قولغا ئېلىنغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/牛津大学停止接受华为捐款/a-47135043

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئوقۇتقۇچىلار دىنلىرىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىن

شە يانۋار 19 , 2019
ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ 2019-يىلى 18-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خۇمار قۇرباننىڭ دىننى ئەسەبىيلىكنى تەلتۆكۈس تازلايمەن ناملىق ئىدىيۋى پوزىتسىيىسى ئېلان قىلىنغان .

You May Like