گېرمانىيە ئاۋازى: مىسلى كۆرۈلمىگەن جاسۇسلۇق دېتالى

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 3- ماي

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-04

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) مۇسۇلمان ئاممىسىنى كونترول قىلىۋاتقان ۋە ئاتالمىش «ئامانلىق ئىشلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىش»نى ئەمىللەشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دۆلىتىگە ياردەم ۋە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان .

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرلىرىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) بىر يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىنى كونترول قىلغانلىق ئۇچۇرىغا ئېرىشىشى ناھايىتى دىققەت تارتتى. بۇ خىل دىتالنىڭ قوللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق كونترول قىلۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھادىسە ئىكەن. «فرانكفورت خەۋەرلىرى »، «مىسلى كۆرۈلمىگەن جاسۇسلۇق دېتالى » دېگەن تېمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) قاتتىق قول سىياسەتلىرى ھەققىدە خەۋەر بەردى .

بۇ خىل دىتالنىڭ شۇنچە كۆپ ئۇچۇرنى توپلاش، رەتلەش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ ئۇچۇلار ئىچىدە ئاۋاز،DNA، ماشىنا ۋە ئادەملەرنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرى، تىز پوچتا ئۇچۇرلىرى، توك ئىشلىتىش مىقدارى، ماي قاچىلاش قېتىم سانى، قوشنىسىنى مەلۇم قىلىش ۋە مەسچىتلەرگە ئىئانە قىلىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئەگەر مەلۇم بىر كىشىدە بەلگىلىگەن دائىرىدە گۇمانلىق ھەركەت كۆرۈلسە بۇ دېتال دەرھال شۇ كىشىگە ئەسكەرتىش بىرىدىكەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇ سىستېما ئارقىلىق كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن .

بۇ دېتال 36 خىل كىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئوبىكتى قىلغان. گۇمانلىق ئوبىكتىپلار تۆۋەندىكىچە بولغان: قوشنىسى بىلەن باردى كەلدى قىلمايدىغان، ئىشلىرىنى ئاشكارە قىلمايدىغان ۋە سەۋەبسىز دۆلەتتىن ياردەم پۇلى ئېلىشنى رەت قىلغان كىشىلەر . بۇ دىتالنىڭ دائىرسى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن، چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغانلار ۋە باشقا ئىشلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىكەن.

Screen 16 © 2019 Human Rights Watch
Screen 8 © 2019 Human Rights Watch

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/德语媒体前所未有的监控软件/a-48593476?maca=zh-Whatsapp-sharing

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەكلىماكان ،خوراز ۋە ئۈرۈمچى

يە ماي 5 , 2019
تەكلىماكان ،خوراز ۋە ئۈرۈمچى ھەبىبۇللا توختى   ‎چەكسىزلىك چەكسىز ‎چېچىلغان ماكان ، ‎ئاڭا تۇتاشقان ـ ‎ئاخىرقى زامان . ‎ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان . ‎بۇ تەكلىماكان – ‎ئۇيقۇغا چۆمگەن ‎ئۇيقۇسىز شەھەر . ‎جۇشقۇن جەسەتتەك ‎تۇيغۇسىز شەھەر ؛ ‎ياتار پەرۋاسىز ، ‎تالايدۇ بوران ، ‎ھۇۋلار شىۋىرغان . . .   ‎بۇ تەكلىماكان […]

You May Like