گېرمانىيە ئاۋازى: مايىك پومپىيو خىتاينىڭ شىنجاڭ (ش ت) سىياسىتىنى«ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى، ھەمدە بېجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-19

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى، ھەمدە بېجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

پومپىيو نۇتۇقىدا يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ دۆلەتلەردىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدا قوغدىلىدىغان دىنى ئەركىنلىككە خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىرگە، ئۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قارشى تۇرغان دۆلەتلەرنى تەرىپلىدى، ھەمدە «ئەگەر ھەرقانداق دۆلەت خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەپلىك بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسا، ئامېرىكا بۇنى خاتىرىلەپ قويىدۇ» دېدى.

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

 

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/抨击中国新疆政策-蓬佩奥-世纪污点/a-49643937

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي ھۈكۈمىتى شىنجاڭغا (ش ت ) دائىر بىر قانچە مەسىللەر ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئىلان قىلدى

دۈ ئىيۇل 22 , 2019
ختتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۇركستانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تارىخى پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداش كۈرشىنى جىددى قانات يايدۇرماقتا.

You May Like