گېرمانىيە ئاۋازى: گېرمانىيە كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتى شىنجاڭ (ش ت) نىڭ ۋەزىيتىدىن ۋە خىتايدىكى دىننى ئاممىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، گېرمانىيە پارلامىنتى كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتى كۆپلىگەن كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ فىدراتسىيە پارلامىنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىندىكى مۇھىم بولغان مۇھاكىمە نوقتىسى بولسا شىنجاڭ (ش ت) ۋەزىيتى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق دىننى ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بولدى.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- كۈنى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-12

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، گېرمانىيە پارلامىنتى كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتى كۆپلىگەن كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ فىدراتسىيە پارلامىنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىندىكى مۇھىم بولغان مۇھاكىمە نوقتىسى بولسا شىنجاڭ (ش ت) ۋەزىيتى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق دىننى ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بولدى.

 (گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) خىتاي شىنجاڭ (ش ت ) دىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ۋە بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلىدىغان تىبەتلەرگە ۋە خىتايدىكى خىرىستىئان دىنى مۇردلىرىغا قارتا «دىننى خەلىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن يوقۇتۇش، دىننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. گىرمانىيە «تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى مىللەتلەر ئۇيۇشمىسى»(GfbV)نىڭ رەئىسى، خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دىليۇس (Ulrich Delius) فىدراتسىيە پارلامىنتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دىدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمى ئۆزىنىڭ كونتىرولى ئاستىدا بولمىغان ھەرقانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىدۇ.»

بىرلىندىكى كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شىنجاڭ (ش ت)دىكى قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دىدى : «ئۆتكەن ئىككى يىلدا نەچچە مىلىيون ئادام قايتا تەربىيەلەش لاگىرىدا قامالدى ۋە قامىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرلاردۇر. قامالغانلار قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ۋە سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا تامامەن ئامالسىز. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار قاتلىمىغا سادىقلىقىنى مەجبۇر ئىپادىلەتكۈزۈش.»

بۇ يىغىنغا يەنە «كىشلىك ھوقوق كۆزىتىش » تەشكىلاتى گىرمانىيە قىسمى مۇدىرى مىيكالىسكى (Wenzel Michalski) مۇ قاتناشقان بولۇپ ئۇ يىغىندا شىنجاڭ (ش ت) دىكى رەقەملەشتۈرۈش تىخنىكىسى ياردىمى ئاستىدىكى كۆزىتىش ئاپاراتى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بۇ تەشكىلات يىقىندا خىتاي ساقچىلىرى قوللىنىدىغان، بۇ ۋەزىيەتنى شىنجاڭ (ش ت) دىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ئىگەللەشكە ياردەم قىلىدىغان يۆتكىلىشچان قوللانما پروگراممىسىنى ئىلان قىلغان ئىدى. مىيكالىسكى مۇنداق دىدى :«بۇ قوللانما ئارقىلىق ئەگەر بىر كىشىنىڭ تىلفۇنى داۋاملىق ئىتىك ھالەتتە بولسا، باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا ماي قاچىلىسا ياكى ئۆيىنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۆيىگە كىرسە ساقچى تەرەپ دەرھال دوكىلات تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ ۋە بۇندا ئادەم گۇمانلىق دەپ قارىلىدۇ.»

ھىكتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى (MERICS)نىڭ مەسئۇل خادىمى پىكى (Frank N. Pieki)مۇنداق دەپ تەكىتلىدى. :«خىتاينىڭ ھىچكىم ئەرز قىلمىغان تۇرۇقلۇق خالىغان كىشىنى قايتا تەربىيلەش لاگىرىغا قاماشقا ئوخشاش ۋەزىيتى كىشلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپلا قالماي يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دۆلەت قانۇن پىرىنسىپىنىمۇ دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دىدى :«خىتاي كومىنىست پارتىيسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە زەربە بىرىشنى باھانە قىلىش قىلمىشى ئۆزى بەلگىلىۋالغان دۆلەت مەنپەئىتىنى دۆلەت قانۇنىنىڭ ئۈستىگە قويغانلىق بولىدۇ.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/德人权委员会担忧新疆局势和中国宗教群体处境/a-48673416

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گىۋادار پورتىدىكى خىتاي مىھمانخانىسى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

دۈ ماي 13 , 2019
11- ماي كەچتە، ئۈچ نەپەر قۇراللىق كىشى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى گىۋادار پورتىغا جايلاشقان، خىتايلار سالغان كاتتا مىھمان سارايغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ۋە بىر نەپەر ھۇجۇمچى قازا قىلغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بەش يۇلتۇزلۇق «مەرۋايىت چوڭ قۇرۇقلۇق مىھمانخانىسى»يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دائىم كىلپ تۇرىدىغان مىھمانخانا ئىكەن.

You May Like