گېرمانىيە ئاۋازى: ب د ت باش كاتىپى زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭ (ش ت) مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇنى «ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللىدى» دەپ گۇمان قىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يول بىر بەلۋاغ باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى غا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغان. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇ ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللىدى دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 30- ئاپرېل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-30

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يول بىر بەلۋاغ باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى غا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغان. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇ ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللىدى دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك بىر يول بىر بەلۋاغ مۇنبىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشكەن. ب د ت باياناتچىسى ستېفانى دۇجاررىكنىڭ دۈشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 29-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئالدىنقى ھەپتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىگە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. بىراق ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دېيىشىچە، گۇتېررېس ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

دۇجاررىك مۇنۇلار بىلدۈردى:« باش كاتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايغا ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. باش كاتىپ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا، ئۆزىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مۇدىرى مىشېل باچېلېت تەكلىپ بەرگەن تەدبىرلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

بۇندىن بۇرۇن، مىشېل باچېلېت توختىماستىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، خەلقئارا مېديالاردا خەۋەر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ھالبۇكى، خىتايمۇ ئىلگىرى ب د ت نىڭ « خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش شەرتلىرى ئاستىدا شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلىشىنى» قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دۇجاررىكنىڭ دېيىشىچە، گۇتېررېسنىڭ شىجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان مەيدانى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن بولسۇن بىردەك ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بىرلىك ۋە تۇپراق پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىكەن، تېررورلۇق ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدىكەن، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ تېرورزىمغا ۋە ئېكىسترىمىزمغا زەربە بەرگەندە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەيدىكەن. دۇجاررىك مۇنداق دېدى:« ھەر بىر توپلۇم ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى، ھەمدە شۇ دۆلەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كېننېت روت

گەرچە ب د ت ھەدەپ گۇتېررېسنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەۋاتسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گۇتېررېسنىڭ قىلمىشىنىڭ ئىشنىڭ يىنىكىنى تاللىغان بولىشى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كېننېت روت تىۋىت يوللاپ، گۇتېررېسنىڭ نۇتىقىدا پەقەت «دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق» نى تىلغا ئالغانلىقىنى، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى يازغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن تەقدىردىمۇ، گۇتېررېس خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون مۇسۇلماننى قاماپ قۇيۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمىدى.»

بۇندىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىمى پېتېر ئېرۋىن تىۋىت يوللاپ، گەرچە گۇتېررېسنىڭ نۇتۇقى قارىماققا ئىجابىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مۇخبىرلار گۇتېررېسنىڭ خىتاينىڭ ئىنكاسىدىن رازى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ب د ت باياناتچىسى دۇجاررېك پەقەت :« گۇتېررېس بۇرۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/联合国秘书长访中提新疆-人权组织质疑避重就轻/a-48542537

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

دوكلات: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت سېستىمىسى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

جۈ ماي 3 , 2019
«قارشى تېخنىكا» ساقچى يانفون ئەپنىڭ ئانالىز قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىستىراتېگىيىسىنى ئاشكارىلىدى

You May Like