گېرمانچە مېدىيالار: خىتاي پەقەت ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى خالاس

بېيجىڭ ئېلان قىلغان ۋىرۇس ئەھۋالى سىتاستىكىسىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ خىتاي ۋىرۇس كىرزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋوپانى پارچىلاۋاتامدۇ؟ «سودا گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىستېمىسىدىكى تەبىئىي ئاجىزلىقلار تۈپەيلى، بېيجىڭ دائىرلىرى ئۆزىمۇ ۋىرۇس ئەھۋالىغا ئائىت سان-سىپىرلارنى ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. «يېڭى زۈرىخ گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي «ماسكا دىپلوماتىيىسى» ئارقىلىق پەقەت ۋاقتىنچە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدىن خەلقئارا سىياسەتنى تەۋرىتىشى ئ‍اساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 4-ئاپرىل

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-04

 

بېيجىڭ ئېلان قىلغان ۋىرۇس ئەھۋالى سىتاستىكىسىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ خىتاي ۋىرۇس كىرزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋوپانى پارچىلاۋاتامدۇ؟ «سودا گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىستېمىسىدىكى تەبىئىي ئاجىزلىقلار تۈپەيلى، بېيجىڭ دائىرلىرى ئۆزىمۇ ۋىرۇس ئەھۋالىغا ئائىت سان-سىپىرلارنى ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. «يېڭى زۈرىخ گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي «ماسكا دىپلوماتىيىسى» ئارقىلىق پەقەت ۋاقتىنچە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدىن خەلقئارا سىياسەتنى تەۋرىتىشى ئ‍اساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

 

دۈسسېلدورفتا چىقىدىغان گېرمانىيە «سودا گېزىتى» (Handelsblatt) دە بېسىلغان «خىتاي ئېلان قىلغان ۋىرۇس ئەھۋالى دوكلاتى گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ» ناملىق ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (خىتاي ۋىرۇسى) خىتايدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىكى ئاجىزلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان، ھالبۇكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىر-بىرىگە زىت كىلىدىغان تۈزۈملىرى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. 

 

«ئامېرىكا سىياسىي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى سان-سىپىرلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. پرىنسىپ بويىچە، خىتايدىن كەلگەن ھەر قانداق سانلىق مەلۇماتقا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. مەسىلەن، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي رەقەملەرگە قارىغاندا، كۆپىنچە ئىنتايىن ئاددى بىر قائىدىنى قوللىنىدۇ: رەقەملەر چوڭ جەھەتتىكى يۈزلىنىشنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرەلەيدۇ، لېكىن ئىنچىكىلەپ قارىماسلىق كېرەك. بۇ قائىدىنى يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ سان-سىپىرلىرىغىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ.»

 

«خىتاينىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش زەنجىرىدە ئىنتايىن ئېغىر ئاجىزلىق بار. بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇخىل ئاجىزلىقنى يوقاتماقتا يوق، ئەكسىچە بۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. بولۇپمۇ بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساختىلىق قىلىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر.»

 

« مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر-بىرىگە زىت كىلىدىغان تۈزۈملىرىمۇ بۇخىل ئەھۋالنى پەيدا قىلغان ئامىللارنىڭ بىر قىسمى. بىر تەرەپتىن، بېجىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماي دوكلات قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، مەركىزى ھۆكۈمەت ۋىرۇس ئەھۋالىغا ھازىرلا خاتىمە بېرىشنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئ‍ۆزىنىڭ مەنسەپ يولىغا پايدىسىز ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىدۇ.» 

 

« قارشى پارتىيە بولمىغان، ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان بىر دۆلەتتە، ھەققىي سان زادى قانچە،دېگەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تىز ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. خىتايغا نىسبەتەن، بۇ قانداقتۇر خۇش خەۋەر ئەمەس. گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدىغان رەقەملەر كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ھازىرقىدەك ئەنسىز بىر زاماندا، مەيلى خىتاي پۇقرالىرى بولسۇن، ۋە ياكى خىتايدا سودا قىلىدىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشەنچىنىڭ كەم بولىشى ئېنىقسىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.»

 

«خىتاينىڭ پايدا ئېلىشى پەقەت ۋاقىتلىق»

 

شۋىتسارىيەنىڭ «يېڭى زۈرىخ گېزىتى» (Neue Zürcher Zeitung) دە بېسىلغان «ۋىرۇس كرىزىسى خىتاينىڭ گېئوپولىتىكا جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشىگە ئاساس سالدىمۇ؟ ياق، خىتاينىڭ پايدا ئېلىشى پەقەت ۋاقىتلىق» دېگەن تېمىدىكى ئ‍وبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەركىن دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر مەيدان كۈچ سىنىششتا، خىتاي پەقەت تەشۋىقات جەھەتتىن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن خالاس، قىسقا مۇددەتلىك توساتتىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرىقى كۈچ، سىياسىي ئەندىزىسىنى يىلتىزىدىن تەۋرىتىشى قىيىن ئىكەن. 

 

« خىتاينىڭ ياردەم بەرگۈچى دېگەن ئوبراز بىلەن ئېرىشكەن ئورنىنىڭ ئۆرلىشىمۇ پەقەتلا ۋاقىتلىق خالاس. دەرۋەقە، ئىتالىيە،ئىسپانىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيۇشماسلىقىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئىتالىيە، ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەبىت خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ياۋروپادىن يىراقلىشىپ خىتايغا يېقىنلىشىش يولىغا مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.» 

 

«ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياۋروپانىڭ بىر گەۋدە بولۇش تەرەققىياتىغا ھازا ئېچىشقا تېخى بالدۇر. خىتاي ھەقىقەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قۇزۇق قاتتى، ھەمدە ۋىرۇس كىرزىسىدا ئۆزىنى مۇھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتىدىغان ياردەمچى قىلىپ ئوراپ چىقتى. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرمۇ ھازىر دەرھال ساۋاق ئالدى، گېرمانىيەنىڭ دوختۇرخانىلىرى ئاللىبۇرۇن فرانسىيە ۋە ئىتالىيەدىن ئېغىر كىسەللەرنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا باشلىدى. ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى بولسا ۋىرۇس كرىزىسى ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش ۋە سىياسىي مۇقىملىق. نۆۋەتتە چۇقۇم ياۋروپالىق سايلىغۇچىلارنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.» 

 

« يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كرىزىسى بولسا ئىنتايىن چوڭ بىر ۋەقە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇ ھازىرقى تەرەققىياتنى تىزلەشتۈرىدۇ، ھەمدە ھازىرقى كىرزىسنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئەندىزىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىر ئىنتايىن چەكلىك بولىشى مۇمكىن.» 

 

مەنبە: گېرمانيە ئاۋازى خىتايچە تورى

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

فوربىس: خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى: قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە قەدەر

دۈ ئاپرېل 6 , 2020
ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا ، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىگەن.

You May Like