يەتتە كۈچلۈك دۆلەت بىرلىشىپ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى 600 مىليارد دوللار پۇل توپلىماقچى. ئۇخلىغان غەرب ئويغانماقتا

يەتتە كۈچلۈك دۆلەت بىرلىشىپ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى 600 مىليارد دوللار پۇل توپلىماقچى. ئۇخلىغان غەرب ئويغانماقتا

 يەتتە كۈچلۈك دۆلەت بىرلىشىپ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى 600 مىليارد دوللار پۇل توپلىماقچى. ئۇخلىغان غەرب ئويغانماقتا

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئىيۇن

26-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 7 سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 600 مىليارد دوللار پۇل توپلاشنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
خىتاي 2013-يىلدىن باشلاپ شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى ئىقتىساد بىلەن چىرىكلەشتۈرۈش، بويسۇندۇرۇش پىلانى بويىچە ئىلگىرىلەپ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە  ئاللىقاچان 300 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلغان. ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكىسى، شەرقى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۆمۈر يول، تېلېگراف، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا غايەت زور دەرىجىدە مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ پۇل 2027-يىلىغا بارغاندا 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. ئامېرىكا ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتايدىن ئالغان قەرز 1.8 تىرىليون بولۇپ، دۇنيادىكى خىتايغا ئەڭ چوڭ قەرزدار دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 600 مىليارد دوللار پۇلنى شەخسى شىركەتلەر، گۇرۇھلار، ياردەم قىلغۇچىلار ئارقىلىق توپلاشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ پۇلنىڭ يىغىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ پۇلنى توپلىغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا قۇرۇلۇشلىرىغا قانچىلىك تاقابىل تۇرالايدىغان ئىمكانىيىتى قانچىلىك ئىكەنلىكى يەنە بىر مەسىلە بولۇپ، چۈنكى خىتاي بۇ قەدەمنى بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن باشلىغان ۋە ئاللىقاچان پورتلار، بانكىلار، تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى قاتارلىقلارنى مونوپول قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا،7 دۆلەت ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قۇرغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تولۇق بىرلىككە كېلىشى بىر مەسىلە. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايغا ئەگەشكەن دۆلەتلەر ئىچىدە خىلى زور سالماقتىكى دۆلەتلەر خىتاينى داۋاملىق ياخشى ھەمراھ دەپ قارايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى  ئۆتكەن بەش يىلدىن بىرى خەلقئارا قەدەم ئىلىش جەھەتتە خىتايدىن كېيىن قالدى دەپ ئەيىبلىمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ 70 گە يېقىن دۆلەتنى «ب د ت» دا ئۆزىنى قوللايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئامېرىكا خىتاينى ئەيىبلەش ئۈچۈن توپلىغان ئەڭ كۆپ ئاۋاز 46 گە يەتكەن. 2011-يىلى شۇ چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارى كىلىنتون ئافرىقىغا بېرىپ: «خىتاي ئافرىقىدا ئىقتىسادى مۇستەملىكىنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكا ئافرىقىدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا ھېچقانداق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىدى. ئەكسىچە، خىتاي داۋاملىق كېڭەيدى. ئاۋسترالىيەگە قوشنا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئىمكانىغا ئېرىشتى.

مۇتەخەسسىسلەر ئىككى كۈچ ئوتتۇرىدىكى ھەربىي توقۇنۇش خەتىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي ئىقتىسادى كۈچ جەھەتتە ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەربىي جەھەتتە يەنىلا ئامېرىكىدىن كېيىن تۇرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

يە ئىيۇن 26 , 2022
شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

You May Like