رابىيە خانىم G20گۇرۇھى رەھبەرلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى توسۇشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە خانىم 6-ئاينىڭ 28-كۈنى (جۈمە) ياپۇنىيەدە ئىچىلىۋاتقانG20 گوروھى رەھبەرلەر يىغىنى ئارلىقىدا مۇخپىرلار يىغىنى چاقىرىپ، G20 گوروھى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رەھبەرلەرگە خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق»نى توسۇش چاقىرىق قىلدى. ئۇ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان كىشىلەنىڭ قويۇپ بىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى 

2019-6-28

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سابىق رەئىسى، 72 ياشلىق رابىيە قادىر خانىم مۇخپىرلار يىغىنىدا ئالدى بىلەن خىتتاينىڭ بېسىمىدىن ھىچ قورقماستىنG20 گوروھى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ياپۇنىيەگە كىرىشى ئۈچۈن ۋىيزا بەرگەنلىكىگە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزوغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ۋە :«پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ھايات ماماتلىق تەھدىت ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ئەسىردە ئۇيغۇردەك ئىزىلىۋاتقان مىللەت يوق »دەپ نىدا قىلدى. ئۇ يەنە 2018-يىلى 9- ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزوغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىشى ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ مەكتۇپ يازغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:«ئەگەر خىتاينىڭ سودا ھەمراھلىرى ئۆز ھۇشىنى تېپىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىسا، ئۇيغۇرلانىڭ مەدىنىيتى ۋەيران بولۇپ يوقاپ كىتىدۇ. ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا يۆلىنىۋاتقان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئەقلى ھۇشىنى تىپىشىنى، شۇنداقلا دەرھال ھەركەتكە كېلىپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ خىتاينىڭ ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توسۇشى كىرەك».

 ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر جەمىيتى رەئىسى تۇرمۇھەممەد ھاشىم قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلار يامغۇرغا قارىماي نامايىشىقا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكۇڭلۇقلار بىرلىكتە نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۈلۈشكە چاقىرىق قىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭG20گۇرۇھى باشلىقلىرىغا قىلغان چاقىرقى نۇرغۇن چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ گىرمانىيە، فىرانسىيە،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مېدىيالىرىدە ئۈزلىكسىز خەۋەر بېرىلىدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا بەش نۇقتا:ئۇيغۇر ئاۋازى كەڭ ياڭرىدى.

شە ئىيۇن 29 , 2019
ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۇزۇلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن كۇچلۇك ياڭرىدى.

You May Like