فرانسيە تاشقى سودا منستىرى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسلىسى بىزنىڭ قېزىل سىزىقىمىز.

فرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 23- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، فرانسيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رىيستېر(Franck Riester) مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ۋەدىسنى ئالمىدۇق. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن پارىژ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمزالىغان كېلىشىمنى قوللىمايدۇ.

ئەركىنجان تۇرغۇن
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2020- يىلى 24- دېكابىر

 

فرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 23- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، فرانسيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رىيستېر(Franck Riester) مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ۋەدىسنى ئالمىدۇق. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن پارىژ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمزالىغان كېلىشىمنى قوللىمايدۇ.

 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 12- ئاينىڭ 15- كۈنى داڭلىق تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنز ئېلان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلشچە، كەم بولغاندا 570 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلات پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى رەسىمىي شەكىلدە قۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دوكلات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسدىكى چوڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشمى يىللاردىن بىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، رىيستېرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي تۈزگەن كېلىشمنىڭ ماددىلىرىدا ياۋروپالىقلارنىڭ سودا مەنپەئىتى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغان، مەسلەن: بېيجىڭ ياۋروپا شركەتلىرىنىڭ خىتاي شركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنى، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى، خىتاي دىرېكتورنىڭ تارماق شركەتكە مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا بازىرى بولسا، ناھايتى ئوچۇق بولۇپ، خىتايغا بۇنداق چەكلىمىلەر قويۇلمىغان.

 

كۆپلىگەن مۇخبىرلار مىنىستىردىن يەنە: «سىلەر خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسەڭلار، خوڭكوقلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلامسلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋابەن: «… بىز بۇ ئىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈمىز. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ سۆزلشىۋاتىمەن. بىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى مەسلىسدىمۇ بەك سەزگۈر، 7- ئايدىمۇ ياۋروپا كومىتېتى بۇ ھەقتە تەدبىر قولانغان. ئەمما مەبلەغ سېلىش مەسلىسدە بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز بار، چوقۇم ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھدىنامىسگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك، … مەجبۇرىي ئەمگەك توختىتىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى توختىلىشى كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«ئائىلىمىزنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغىچە بۇ يولدىن يانمايمىز.»

جۈ دېكابىر 25 , 2020
لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بۈگۈن بەشىنچى كۈنگە قەدەم قويدى.

You May Like