فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان شىركەتلەر تەكشۈرۈلمەكتە

فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان شىركەتلەر تەكشۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-نويابىر

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ بوغدۇ شەھىرىدىكى يەرلىك سوت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  يەرلىك دائىرىلەر  Inditex كىيىم-كېچەك گۇرۇھىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن سەۋەب بىلەن تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى سەۋەبىدىن مەزكۇر گۇرۇھنىڭ تارمىقىدىكى داڭلىق ماركا Zaraنىڭ شۇ جايدىكى دۇكان كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

 بوغدۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان Zara دۇكىنىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەھەر مەمۇرىيىتىگە ئەۋەتىلگەن لايىھە 9-نويابىر كۈنى بۇ ئىشقا مەسئۇل كومىتېت تەرىپىدىن بېلەت تاشلىنىپ رەت قىلىنغان، مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان Alain Garnier فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:« بۇ بىز چىقارغان سىياسىي قارار، بىز بۇنىڭغا ئوخشاش تەمىنلەش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش كەمچىل بولغان شىركەتلەرنىڭ دۇكىنىنى كېڭەيتىشتەك ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىمەكچى.» 
 
 فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە يەرلىك سوت دائىرىلىرى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ Inditex گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ شىركەتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى بىلەن چېتىشلىق دەپ قاراپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۆت شىركەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيەنىڭ Uniqlo شىركىتى، فىرانسىيەنىڭ SMCP شىركىتى، ئامېرىكا ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى SKECHERSۋە خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئىسپانىيەنىڭ Inditex شىركىتى ئىكەن.
 
 مەنبە: فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى
 
 تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە يەكشەنبە بازىرى ئۆتكۈزۈلدى

سە نويابىر 30 , 2021
ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە يەكشەنبە بازىرى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like