فرانسىيە خەلقئ‍ارا رادىئوسى: ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان جىنسى زوراۋانلىقنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمەن (Miriam Lexmann) بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتتاي جازالا گېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان جىنسى تاجاۋۇزچىلىققا، شۇنداقلا خورلاشلارغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ خىتتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشلىك ھوقۇقنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 4-فېۋرال

 

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمەن (Miriam Lexmann) بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتتاي جازالا گېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان جىنسى تاجاۋۇزچىلىققا، شۇنداقلا خورلاشلارغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ خىتتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشلىك ھوقۇقنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

 

مەركىزى ئاخپارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئەنگىلىيە ب ب س رادىئوسىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خىتتاينىڭ «شىنجاڭ» (شەرقىي تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر قامالغان جازا لاگېرلىرىدا ئاياللار دائىم دېگۈدەك جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئاشكارلىنىشىچە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى خىتتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرى توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان. پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمەن خانىم بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا لاگېرىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقىغا، شۇنداقلا خورلاشلىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزلىرى سادىر قىلغان بۇ جىنايەت قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 

3- فېۋرال ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ خىتتاينىڭ «شىنجاڭ» (شەرقىي تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان، ت.) دا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، شۇنداقلا ئېرقىي قىرغىنچىلىق» ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ۋەھشىيلەرچە قىلمىشلارنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ۋە كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

 

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، سلوۋاكىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكىسمەن بۈگۈن تۋىتتېردا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىككە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى جوسېف بوررېل (Josep Borrell) نى بۇ ئىشقا چوقۇم كۈچلۈك رەۋىشتە بايانات بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىسمەن خانىم «خەلقئارا خىتتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى (Inter-Parliamentary Alliance on China) نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىزچىل ھالدا خىتتاينىڭ زومىگەرلىك سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەپ كەلگەن. 2020- يىلى سلوۋاكىيە كېڭەش پالاتا مەسئۇلى مىلوس ۋىترىچىل تەيۋەننى زىيارەت قىلىش مەسلىسىدە، خىتتاي تەرەپنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي چېخ ھۆكۈمىتىگە يولسىزلارچە بېسىم ئىشلەتكەن. دەل مۇشۇ چاغدا لېكىسمەن خانىم تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ھەرقانداق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، خىتتاينىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا خىتتاي تەھدىتىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىدىن ھالقىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

 

يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان «خەلقئارا خىتتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتى 2- فېۋرال كۈنى يەنە باشقا دۆلەتلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر قىلمىشلىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ دەرھال تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

 

خەۋەر مەنبەسى:https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20210204-%E6%96%B0%E7%96%86%E6%8B%98%E7%95%99%E8%90%A5%E4%BC%A0%E6%80%A7%E4%BE%B5%E5%A6%87%E5%A5%B3-%E6%AC%A7%E6%B4%B2%E8%AE%AE%E5%91%98%E4%BF%83%E6%AC%A7%E7%9B%9F%E5%BC%BA%E5%8A%9B%E8%B0%B4%E8%B4%A3

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بايدىننىڭ ئاسىيا ئۈچ بۇرجەكلىك سىياسىتى

جۈ فېۋرال 5 , 2021
جو بايدىننىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى بەلگىلەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ خىتاي - ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋاقتىغا ۋارىسلىق قىلدى.

You May Like