فرانسىيە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» تە

فرانسىيە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» تە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پارىژ 14-مارت خەۋىرى
ئارمان

 

يېقىندىن بۇيان فرانسىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ياشلار تەشكىللىنىپ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» كە ئۆتتى. فەيسبۇك، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائى تور سۇپىلىرىدا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ياشلار تەشكىللىنىپ، ئۇيۇشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى فىلىملەر كۆپلەپ تارقالدى. ئاگېنتلىقىمىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمنى زىيارەت قىلدى.

 

دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «فېۋرالنىڭ 3- ھەپتىسى غافائەل گلۈكىسمان raphael glucksmann گۇرۇپپىسى ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ، فىرانسۇز تىللىق بارلىق ياشلارنى فىرانسىيە شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بىردىن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» گۇرۇپپىلىرى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدۇق. فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇلغان گۇرۇپپىلار 250 كە يەتتى. ئۇيغۇر مەسىلىسگە ئوتتەك ئىشتىياقى بولغان، ئەمما چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغان بۇ ياشلارنىڭ قالايمىقان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا داغ چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەخسۇس بىر ئالاقە ئادرېسى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نىشانى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە گۇرۇپپا قۇرۇشتىكى قائىدىلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئۇلارغا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارقىتىدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ماقالىلەر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدۇق. ئۇلارنىڭ سىياسىي نىشانى: ئۆز شەھەرلىرىدىكى شەھەر باشلىقلىرىغا مەن بۇلتۇر يازدا تەييارلىغان «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق نىزامنامىسى» نى ئىمزا قويدۇرۇش. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشىنى يېتەكلەش، ۋاراقلارنى تارقىتىش ۋە چاپلاش، يەرلىك ئاخبارات مېدىئالىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاتلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ھازىرغىچە قۇرۇلغان گۇرۇپپىلار فىرانسىيە چېگراسىدىن ھالقىپ، ياۋروپادىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ۋە شۇنداقلا ياۋروپادىنمۇ ئېشىپ، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە ۋە كانادانىڭ شەھەرلىرىگىچە يېتىپ بېرىپ، قۇرۇلغان گۇرۇپپا سانى 300 گە بېرىپ قالدى. بۇ ياشلار ھەپتىدە بىر قېتىم خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ، نېمە قىلغانلىقىنى ۋە ئەمدى نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە بىزنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستۇتىدا ئۇلارنىڭ بىر ۋەكىلى مەخسۇس ئىنستاگىرام تەشۋىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ.»

 

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان فرانسۇز ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسىنى ئاڭلىتىشتا بولغان ئاكتىپچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، فرانسىيەدە شۇنداقلا ياۋروپادا كىشىلەرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتا كۆپلىگەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئىشلەپ تارقىتىپ تۇردى. فرانسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق سىياسى ئانالىز ژورنىلى «يېڭى كۈزەتكۈچى» (L»Obs) ئالدىنقى ھەپتىلىك سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا دىلنۇر رەيھان بىلەن رافائەل گلۇكىسمەننىڭ سۈرىتىنى بېسىپ تارقاتتى، بۇ ساننىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسىمۇ ئۇيغۇر مەسلىسى بولدى. 12- مارت، فرانسىيەدىكى «ئوسكار» دەپ نام ئالغان، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «قەيسەر» فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا داڭلىق كىنو چولپىنى غوشىدى زەم Roschdy Zem خىتاي لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ، مېدىئالارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. 13- مارت فرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى كەچلىك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا دىلنۇر رەيھان خانىمنى زىيارەت قىلدى. دىلنۇر رەيھان خانىم ئاخشامقى زىيارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «13- مارت فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ سائەت 23 دىكى ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر پروگىراممىسىنىڭ زىيارىتىگە قاتناشتىم، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا فىرانسىيە ھۆكۈمېتىنىڭ ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىمنى، شۇنداقلا ئاددىي فىرانسۇزلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىلىق سوئاللار سورالدى. بۇنىڭغا قارىتا، مەن ئەمدى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى فرانسىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن باشقا، تېخى بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان، دۇنيادىكى 50 تەتقىقاتچى مۇستەقىل ھالدا تەييارلىغان، خىتاينىڭ ب د ت بەلگىلىگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېنىقلىمىسىنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانقىنى تەكىتلىدىم. شۇنداقلا، ئاددىي فىرانسۇزلارنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشتىن باشقا، ئۆز ۋىلايىتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا قىستاش، ئۆز شەھەر باشلىقلىرىنى <ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق نىزامنامىسى> نى ئىمزالاشقا كۈچەش دېگەندەك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم.»

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:

 

https://www.francetvinfo.fr/monde/chine/ouighours-la-chine-remplit-tous-les-criteres-de-definition-du-genocide_4332709.html?fbclid=IwAR0w9xjBvM5alQAWrHFsow4IBAeoYuWPQknHWy4MpuP6UwQhTBpl6CaPDJI#xtor=CS2-765-%5Bautres%5D-

 

https://www.youtube.com/watch?v=j4vZ6bh2dxs

 

 

 

https://fb.watch/4ehBtyVP81/

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بېيجىڭدىن تۈرك پۇقرالىرغا ۋىزا ئۈچۈن خىتاي ۋاكسىنىسى شەرتى

پە مارت 18 , 2021
بېيجىڭدىن تۈرك پۇقرالىرغا ۋىزا ئۈچۈن خىتاي ۋاكسىنىسى شەرتى

You May Like