فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 08-دېكابىر

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 08- دېكابىر خەۋىرى: ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى كېلەر يىلى 20-يانۋاردا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسىنى فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى Olivier Faure ئەپەندىم تەرىپىدىن سۇنۇلغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»قا ئۇچراۋاتىدۇ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ دېگەن مەزمۇندا تۈزۈلۈپ مەجلىسكە سۇنۇلغان. مەزكۇر لايىھىدە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى تەلەپ قىلىنغان. 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىدا بېلەت تاشلىنىشقا سۇنۇلىدىغان كۈنىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاز قالغان كۈنلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ خەۋەر : كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

چا دېكابىر 8 , 2021
پارتلاتقۇچ خەۋەر : كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

You May Like