فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش لايىھىسى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرى، بۈگۈن يەنى 17-يانۋار دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش» لايىھىسىنىڭ 2- قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

Photo by Ikuha_uyghur

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18- يانۋار

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى،  17-يانۋار دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش» لايىھىسىنىڭ 2- قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى يېقىندىن قوللىغان. يىغىنغا فىرانسىيەدىكى سوتسىياللار پارتىيەسىنى ئاساس قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جالىلوۋا، ئۆمەر بېكئالى، قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار قاتناشقاندىن سىرت، «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى»، فىرانسىيە «دۇنيا» گېزىتى، «فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى»، NET FLIX فىلىم قانىلى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە شۇنداقلا «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»، «فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار نەق مەيداندىن ئىشتىراك قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىس، ئېما غېشى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى توردىن قاتناشقان. 

Photo by Ikuha_uyghur

يىغىن جەريانىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ۋە بۇ ھەقتە  كۆپلىگەن سوئاللار سورالغان. يىغىنغا توردىن ئىشتىراك قىلغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىس نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەينى يىللاردا يۈز بەرگەن يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەرىجىسىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ھەتتا يېڭى زاماندىكى تېخنىكىلىق شارائىتلارنىڭ ياردىمىدە يوشۇرۇن ۋە تېخىمۇ شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. 

فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى رەئىسى ئولىۋېر فوغ ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: « ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش لايىھىسى گەرچە پارتىيەمىز تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىشىنىمەنكى پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيەلەردىن كەلگەن بەشيۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى ئىنسانىي بۇرچى نۇقتىسىدىن قوللاش بېلىتىنى تاشلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ كۈن بەلكىم بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن…» 

ئىگىلىشىمىزچە 20-يانۋار پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر لايىھە فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇش ئالدىدا.

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېخى توختىمىدى، ۋەتەن ئازات بولمىدى ، ھەرىكەتلىرىمىز توختىمىسۇن!

چا يانۋار 19 , 2022
بىزنىڭ« ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلدى » دىگەن سۆزىمىز ئىنتايىن نسبي ئىيتىلغان سۆز !

You May Like