فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق»سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 29-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە شۇ كۈنى فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزالىق دوكلات تاپشۇرۇپ فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30- ئىيۇن

ئارمان

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 29-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە شۇ كۈنى فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزالىق دوكلات تاپشۇرۇپ فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر دوكلات لاھىيەسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان، فرانسىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، «ئۈستۈنكى سەين»(Les Hauts-de-Seine) ئۆلكىسى ئەركىنلىك ۋە ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ(Groupe Libertés et territoires) ئەزاسى فخېدېغىك دۈما (Frédéric Duams) خانىم فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: » بىز 47 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزا قويغان دوكلاتنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇردۇق، ئىشىنىمەنكى كەلگۈسىدە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. بىزنىڭ تەلىپىمىز: مەجلىسىمىزدىن خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان. ت )رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا قازاق،تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى ئىلتىماس قىلىشتۇر. بىزنىڭ قارىشىمىزچە فرانسىيە بۇ جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئارقىدا قالدى. ئەنگلىيە، گوللاندىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ياكى مەجلىسلىرىدە ئارقىمۇ- ئارقىدىن قارار ماقۇللاپ خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشىنى بولۇپمۇ خەلقئارادىكى قانۇن ئەھدىنامىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى توسۇشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدى. ئەمما بىز بىلىشىمىز كېرەككى: خىتاي »خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى» غا ئىمزا قويغان دۆلەت ئەمەس، شۇڭا بىز باشقا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. فرانسىيە تا بۈگۈنگە قەدەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مۇ ئەمەسمۇ دېگەن نۇقتىدا ئىككىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئۈچۈن بۇ ئېنىق ۋە مۇقەررەر بولغان بىر ھەقىقەت. چۈنكى بىزدە نۇرغۇنلىغان يازمىچە، سۈرەتلىك ياكى رەسىملىك ئىسپاتلار بار، ھەتتا ھەر كۈندە دېگۈدەك يېڭى ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قەسەم قىلىپ بۇ تۈردىكى بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن، ئەمما بۈگۈنكى فرانسىيە دە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىش ھەر جەھەتتىن چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. تېخى بۈگۈن ئەتىگەن «رېنۇلت» (Renault فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى.ت) گۇرۇھىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن لېدىرىنىڭ <خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قارشى تۇرغان كىشىلەر ئىرقىي ئايرىمىچىلاردۇر> دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدۇق. بۇ يەردە شۇ نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتىمىز، ھەرگىزمۇ خىتاي خەلقىگە ئەمەس».

فخېدېغىك دۈما خانىم سۆزىدە يەنە كېيىنكى پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: » شۇ نەرسىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ دوكلات لاھىيەسىنى تەستىقلىتىش مەسىلىسىدە نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارنىڭ بولۇشى ئېنىق، ھازىرغىچە بۇ لاھىيەگە ئىمزا قويغان 47 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرىمۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئەزالىرى ئەمەس. شۇڭا بىز » ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ خۇددى ئەنگلىيەدە تەسىس قىلىنغان سوتقا ئوخشاش مۇستەقىل بولغان خەلق سوتىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك خىتاي » خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا» ئىمزا قويغان دۆلەت ئەمەس، شۇڭا بىز بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ شۇنىڭغا ئوخشاش خەلق سوتىنى ئېچىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن فرانسىيە دۆلەت مەجلىسى » فرانسىيە- خىتاي دوستلۇق كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلى، پارىژ شەھەرلىك 13- رايونلۇق (ئاسىيالىقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون.ت ) پارلامېنت ئەزاسى چېن ۋېن شىيۇڭ (陈文雄) بىلەن ئالاقە قىلغان، ئەمما ئۇ خىزمەت ئالدىراش دېگەن سەۋەب بىلەن زىيارەتنى رەت قىلغان.

بۇ دوكلات لاھىيەسىنىڭ روياپقا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى دىلنۇر رەيھان خانىم رادىئو زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: » بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىرىنچىدىن: ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر قېتىم خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن باياناتلار بېرىلگەندە، ئەيىبلەشلەر، جازالار شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لاھىيەلەر ئېلان قىلىنغاندا خىتاي ئورگان تەرەپتىن چوقۇم بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق چېگرا سىرتىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسا خىتاي تىلى ئارقىلىق ئۆز چېگراسى ئىچىدە تەشۋىقاتلارنى قىلىدۇ، بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىدىن، سىرتتا يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. خىتاي ئىچىدىكى كىشىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن بىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۈندە دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ «كۈچلۈك» ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىگە»قادىر» ئىكەنلىكىنى توختىماي تەشۋىق قىلىۋېتىپتۇ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، شۇڭلاشقا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىش ناھايىتى زۆرۈر، چەتئەللەردە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى يوقاپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن چەتئەللەردىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا: ئۇلارنىڭمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھاملار بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى خىتاي رېجىمنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ توغرا بولغان پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمغا ئېنىقلىما بېرىشى ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتىمۇ قىممەتلىكتۇر. مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كۈندە دېگۈدەك بېيجىڭدىن شۇنداقلا بېيجىڭغا مايىل كۈچلەر تەرىپىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن. خىتاينىڭ ئورگان تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر «بەخت» ئىچىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ھەقىقەت شۇكى بىز زور بېسىملار ئاستىدا ياشاۋاتىمىز، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىز خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىزلەر بەزىبىر تارىخىي نىھىلىستلارنىڭ (ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغان .ت ) ئاغزاكى ياكى جىسمانىي ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىنمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىمدۇر.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىم دۆلەت مەجلىسىدىكى 47 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ دوكلات لاھىيەسىنى مەجلىسكە سۇنغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: » بۇ يىل مارت ئايلىرىدىن باشلاپ تەشكىلاتىمىز فرانسىيە پارلامېنتىدىكى 500 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئىزچىل تۈردە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلدۇق،مەكتۇبلىرىمىزدا سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخلارنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق، دۆلەت مەجلىسىدىن تېز تۈردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى، ئۇنىڭدىن باشقا 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش دېگەندەك كونكرېت ھەرىكەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدۇق. بۇ ھەقتە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىجابىي جاۋابلار كەلدى، بۈگۈن پارلامېنتتىكى 47 نەپەر ئەزانىڭ دوكلاتقا ئىمزا قويغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۆيۈندۇق، شۇ ۋەجىدىن بۇ دوكلاتنامىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا، ۋە بۇ ھەقتە ئىزچىل ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان »ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» غا شۇنداقلا دىلنۇر رەيھان خانىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز». ئۇ يەنە 1- ئىيۇن ۋە 5- ئىيۇن پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىشلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: » 1-ئىيۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىدە فىرانسىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان 10دىن ئارتۇق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق، نامايىشىمىز فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، نامايىش ئاخىرىدا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا » ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەكتۇپ سۇنۇلىدۇ. 5- ئىيۇن »ئۈرۈمچى قەتلىئامى » نىڭ 12- يىللىق خاتىرە كۈنىدە فرانسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر مەيدان نامايىش ئورۇنلاشتۇردۇق، ئېنىقكى بۇ نامايىشىمىزنىڭ مەقسىتىمۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك. فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ، جۈملىدىن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن خەلقىمىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ نامايىشلارغا قاتنىشىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز».

 
 
 
 
 
 

Uyghur Reporter

Next Post

5- ئىيۇل قەتلىئامى ئەسلا ئۇنتۇلماس!

يە ئىيۇل 18 , 2021
2009- يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى.

You May Like