فرانسىيە بېيجىڭنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

فرانسىيە بېيجىڭنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (پارىژ)
25-فېۋرال خەۋىرى

 

فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ 24- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژاڭ يىۋس لۆ درىياڭ (Jean-Yves Le Drian) ئەپەندى شۇ كۈنى ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ تېلېفۇن سۆھبەت يىغىنىدا، سۆز قىلىپ خىتاينىڭ «سىستېمىلاشقان باستۇرۇش سىياسىتى» ئارقىلىق مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە: يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ «شىنجاڭ» رايونىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ھۆججەت ۋە گۇۋاھلىقلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، بۇ ئىسپاتلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولۇدىكى خىتتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سېستىمىلاشقان شۇنداقلا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان نازارەت سېستىمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

 

ئىگىلىنىشچە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يۇقىرقى بايانلىرى 22- فېرۋال كانادا پارلامىنتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتراپ قىلغاندىن كېيىنكى فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسلىسىدە تۇنجى قېتىملىق ئىپادە بىلدۈرۈشى ئىكەن.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

6) خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى باياناتى قارشىلىققا ئۇچرىدى

پە فېۋرال 25 , 2021
6) خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى باياناتى قارشىلىققا ئۇچرىدى

You May Like