فرانسىيە بالىلار گېزىتى: «بىز ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمىز» !

فرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان بالىلار گېزىتى » مېنىڭ كۈندىلىكىم» (Mon Quotidien) ژۇرنىلى 30-ئىيۇن ۋە 2-ئىيۇل كۈنلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە 3-ئىيۇل خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 13- ئىيۇل

ئارمان

فرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان بالىلار گېزىتى » مېنىڭ كۈندىلىكىم» (Mon Quotidien) ژۇرنىلى 30-ئىيۇن ۋە 2-ئىيۇل كۈنلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە 3-ئىيۇل خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مەزكۇر گېزىت 30-ئىيۇندىكى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا «خىتايلار بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالدى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بىرىنچى بېتىگە قىستۇرۇلغان رەسىم ئۈستىگە » خىتايدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولاندى»، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ دىنى سەۋەبلىك قىيناشلارغا ئۇچرىدى» دېگەندەك ماۋزۇلار قويۇلغان. ئىككىنچى بېتىدىكى يەنە بىر پارچە قىستۇرما رەسىمدە جازا لاگېرى ئىچىدىكى ئىككى مەھبۇسنىڭ دىئالوگى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىرىنچى مەھبۇسنىڭ ئۈستىگە: » ئۇلار بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىمىزنى خالىمايدۇ، ئۇلار بىزنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش خىتاي بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ» دەپ يازغان، ئىككىنچى مەھبۇسقا: «مېنىڭ پەقەتلا خىتاي بولغۇم يوق، ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى قىيناپ تۈرمىلەرگە قاماشنى، مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىشنى قەتئىي خالىمايمەن .» دەپ يازغان. ماقالە قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى، خىتاي بىلەن بولغان پەرقى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ 3 يىللىق تۈرمە سەرگۈزەشتلىرى شۇنداقلا قازاقىستانلىق (ئەسلى يۇرتى ئۈرۈمچىدىن) قېرىندىشىمىز مىربېك سالانبېكنىڭ ھېكايىلىرى قىستۇرۇلما قىلىنغان. يۇقىرىقى مەزمۇندىكىدەك ماقالە گېزىتنىڭ 2-ئىيۇلدىكى سانىدىمۇ بېسىلغان.

ئاگېنتلىقىمىز 3- ئىيۇلدا خەۋەر قىلغىنىدەك «مېنىڭ كۈندىلىكىم» نىڭ بۇ ماقالىسى فرانسىيەدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن خىتايلارنى بىئارام قىلغان، نەتىجىدە خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى مەزكۇر گېزىتخانا مۇھەررىرلىكىگە مەكتۇپ يوللاپ ئۇلارنىڭ بۇ ماقالىنى تېزدىن ئۆچۈرۈپ خىتايلاردىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما گېزىتخانا مۇھەررىرلىرى خىتاي كونسۇلىنىڭ تەھدىت خاراكتېرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمى بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى ئاندغې گاسلەڭ (Andre Gasselin) ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان.

ئاندغې گاسلەڭ ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تەھدىت خەتلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېگەن: » 4-5 كۈننىڭ ئالدىدا بىز خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇلار خېتىدە بىزنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىمىزنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى دەرھال ئۆچۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كەينىدىنلا كونسۇلخانا تەرەپتىن كەلگەن ئېلخەتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، 40 قۇردىن ئارتۇق يېزىلغان بۇ خەتتە ئاساسلىقى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنى تېررورچى ئۇنسۇر دەپ ئەيىبلەپ، قايسى چاغدا قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدا «پاكىتلار»نى يېزىپ چىققان ئىدى. كەينىدىن ئۇلار ماڭا 2-3 پارچە ئوخشاش مەزمۇندىكى ئېلخەتلەرنى يوللىدى، بۇ خەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن مەزمۇنلار بار ئىدى».

خىتاي كونسۇلى ۋە 15 نەپەر خىتاي ئاتا-ئانىلىرى ئوخشاش تۈردىكى مەكتۇپلارنى يوللاپ قارشىلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، فرانسىيەدە ياشاۋاتقان خىتايلار توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ گېزىتخانىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ماقالە مەكتەپلەردە خىتاي بالىلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىنى ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇملارغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاندغې گاسلەڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:» مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئەسەبىيلەرچە، زوراۋانلارچە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقمىغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى ئىنكاسلىرىنى توغرا چۈشىنىمىز، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئارىلىشىشىدىن بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى سەمىمىيەتسىز دەپ بىلىمىز چۈنكى ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي تۈردە بىزنىڭ گېزىتىمىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان بولسا ئەمەلىيەتتە شۇنى بىلىشى كېرەككى، بىز ھېچقاچان ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك خىتاي دۆلىتىگە قارشى سۆزلەرنى قىلىپ باقمىدۇق. ئەكسىچە گېزىتىمىزدە نۇرغۇن قېتىم خىتايلار توغرىسىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلدۇق. بولۇپمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى خىتايلارغا قارشى ئىرقى كەمسىتىش كەيپىياتى پەيدا بولغان چاغلاردىمۇ ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىنى تەسۋىرلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق».

ئاندغې گاسلەڭ ئەپەندى مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ ئىش ھەققىدىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:» بىز پەقەت دوكلات خاراكتېرىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان گېزىت، كىشىلەرنىڭ پىكىر- ھېسلىرىنى ئېلان قىلمايمىز. بىز نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بەزى دۆلەتلەر تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى يازدۇق. » مېنىڭ كۈندىلىكىم» ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر گېزىت». «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىچىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىزىقىپ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز ھەر ھەپتىدە 10دىن ئارتۇق تېمىنى ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىمىز، ئۇلارنىڭ قايسى تېمىغا بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى ئىگىلەيمىز. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلىرىنىڭ ئالدىنقى 3 نى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ».

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: » بۇ بىر خىل تەھدىت، بەلكىم بۇ خىلدىكى تەھدىتلەر خىتايدا ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىزمۇ فرانسىيەدە ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى پەرق، ئۇلار ئۆزىنىڭ قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك، بۇ يەردە ئۇلار پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرمىگەنلىكى سەۋەبى بىلەن مۇخبىردىن بىر ماقالىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ».

Uyghur Reporter

Next Post

ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن زور سوممىلىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قارا قوللار

يە ئىيۇل 18 , 2021
2021- يىلى 5 - ئاينىڭ 31- كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇن بۇرنۇ رايونىدا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئېغىر دەرىجىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى. ئىككى نەپەر بۇلاڭچى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلاجاننى بىناسىنىڭ كىرىش قەۋىتىدە ئېغىر يارىلاندۇرۇپ يېنىدىكى سومكىنى بۇلاپ قاچقان، سومكا ئىچىدە 4 كىلوگرام كېسەك ئالتۇن، 33 گرام پارچە ئالتۇن ۋە ئالتە يۈز دوللارغا يېقىن نەق پۇل شۇنداقلا باشقا ئىككى دانە كىتاب بار ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى، ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى بىلەن بۇلاڭچىلار تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەلىك، بىرى ئۆزبېكىستا

You May Like