فرانسىيە ئاگېنتلىقى: ترۇدو ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقى: ترۇدو ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 17- فېۋرال

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوتتاۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو 16- فېۋرال مۇنداق دېگەن: كانادا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى شېرىكلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇ 16- فېۋرالدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مەن سىلەرگە شۇنداق كېپىللىك بېرەلەيمەنكى، كانادا بۇ ئەيىبلەشلەرگە جىددىي قارايدۇ، بىز ئىتتىپاقداشلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇنىڭ «بىر قىسىم ئىشەنچلىك كىشىلەر ۋە ئورگانلار» تەۋسىيە قىلغان«ئۇيغۇرلار دېلوسى» غا ھەقىقەتەن ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلايمىز.

 

ترۇدو يەنە: «ئىرقىي قىرغىنچلىق دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن مۇھىم.» دېگەن. ئۇ ب د ت نىڭ 1948- يىلى 9- دېكابىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئەھدىنامىدە دېيىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى مەيلى تىنچ مەزگىلدە ياكى ئۇرۇش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوخشاشلا خەلقئارا قانۇندىكى بىر جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سۆزىگە تولۇقلىما بېرىپ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا زور كۆلەمدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەردى. بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتىمىز ھەمدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى نۇرغۇن جايلاردا تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

 

مەنبە: https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20210216-%E6%B3%95%E6%96%B0%E7%A4%BE-%E7%89%B9%E9%B2%81%E5%A4%9A%E5%B0%86%E8%87%B4%E5%8A%9B%E4%BA%8E%E8%AE%A8%E8%AE%BA%E6%96%B0%E7%96%86%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E9%81%AD%E7%A7%8D%E6%97%8F%E7%81%AD%E7%BB%9D

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بايدىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى مۇجىمەللىكى

پە فېۋرال 18 , 2021
بايدىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى مۇجىمەللىكى

You May Like