فرانس 24: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى شىنجاڭدىكى (ش ت) «ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە» دەۋەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر دېپلوماتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ۋەزىيەتنى «ئۆزگەرتىشكە«دەۋەت قىلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر مىليون ئەتراپىدا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامالغان بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

فرانس 24

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- ماي

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-11

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر دېپلوماتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ۋەزىيەتنى «ئۆزگەرتىشكە«دەۋەت قىلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر مىليون ئەتراپىدا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامالغان بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ رايونغا بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

بېيجىڭ بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاپ، بۇ لاگېرلارنىڭ كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوقۇيدىغان «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى دىنى رادىكاللىق، تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى نىكولاس چاپۇئىس مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« بىز خىتاي تەرەپكە ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ باھالاشلىرىمىز ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى ئېنىق ئېيتتۇق. بىز شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىمىز. بىز خىتاي بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، رادىكاللىقنى يوقىتىشنىڭ باشقا يوللىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايمىز.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىلەر دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي بۇ يىل 3- ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىلىرىنى شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، بىراق ئىككى تەرەپ تېخىچە سەپەر پىلانى ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن.

چاپۇئىس مۇنۇلارنى ئېيتتى :« بىز بىر پىلانغا ئېھتىياجلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىلىرى بۇ پىلاننى ئەھمىيىتى بار دەپ قارىشى كېرەك. پىلان تەستىقلانغاندا خىتاي دائىرىلىرى سەپەر كۈنلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى بېكىتىدۇ.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مەسئۇلى مىشېل باچېلېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

خىتاي ئىلگىرى ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق شەرتى ئاسىتىدا قايتا زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.  

 

مەنبە:

https://www.france24.com/en/20190509-eu-urges-china-change-situation-xinjiang

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گېرمانىيە ئاۋازى: گېرمانىيە كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتى شىنجاڭ (ش ت) نىڭ ۋەزىيتىدىن ۋە خىتايدىكى دىننى ئاممىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يە ماي 12 , 2019
5-ئاينىڭ 8-كۈنى، گېرمانىيە پارلامىنتى كىشلىك ھوقۇق ھەيئىتى كۆپلىگەن كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ فىدراتسىيە پارلامىنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىندىكى مۇھىم بولغان مۇھاكىمە نوقتىسى بولسا شىنجاڭ (ش ت) ۋەزىيتى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق دىننى ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بولدى. (گ

You May Like