فرانىسيە دۇنيا گېزىتى: تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار، بېيجىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا

دۇنيا گېزىتى جۈمە كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلدى ، بىر پارچىسى ‹‹خىتاي گۇراگې تۈرمىسىدىكى قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار ››، يەنە بىر پارچىسى

فرانسىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 28- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-30

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

دۇنيا گېزىتى جۈمە كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلدى ، بىر پارچىسى ‹‹خىتاي گۇراگې تۈرمىسىدىكى قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار ››، يەنە بىر پارچىسى ‹‹جازا لاگېرى : خىتايغا ئىنتايىن بېقىنىپ قالغان قازاقلار بېيجىڭنىڭ چىشىغا تىگىشنى خالىمايدۇ›› دېگەن  تېمىلىق بولۇپ . بۇندىن باشقا يەنە ، فرانىسيە دۇنيا گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى مەخسۇس شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك  جازالاش لاگېرىدا تۇتقۇن قىلىنىشى مەسلىسىنى باش تېما قىلغان ‹‹ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ، بېيجىڭ قانۇنىنىڭ سىرتىدا››،ماۋزۇلۇق خەۋەر بولۇپ ، ماقالە ئاز بولغاندا بىر مىليون  ئۇيغۇرلارنى سەزگۈرلىكىنڭ ئالدىنى ئېلىش ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەندەك ھەرخىل ۋەھىمىلىك ئىبارىلەر بىلەن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنماقتا دەپ باشلاندى .

فرانسىيە دۇنيا گېزىتى (28- دېكابىر) باش ماقالىسىدە مۇنداق دېدى : خىتاينىڭ جازالاش لاگېرىغا سۇلانغان كىشلەرنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن  ۋە تۇغقانلىرى ھازىر جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باياناتى، شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتىغا كۆرە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلا ئۈستىدىن يۈرگۇزىۋاتقان سىياسىتى بىزگە قورقۇنۇچلۇق بىر پارچە رەسىمنىڭ تەسۋېرىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرىدۇ . خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقى تۈركىستاننىڭ 11 مىيلونلۇق نۇپۇسى بار بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن  ، 1.5 مىليون نۇپۇسى بار بولغان  قازاقلار ئۈستىدىن چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى يۈزگۈزۋاتىدۇ .

 يەرلەك ھۆكۈمەت بۇ تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى قايتا تەربىيەلەش ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتايدۇ . باش ماقالىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىرىق كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومتېتى بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ قايتا تەربىيلەلش لاگېرىغا سۇلانغان مەسلىسىگە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارايدۇ، شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 220 ئورۇندا ھەرخىل كۆلەمدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى بار دېدى.

 

  ماقالىدا مۇنۇلار كۆرستىلدى ، بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى دۈشمەن كۆرگەن شەخىسلەرنى، ئوڭچىلارنى ۋە سىنىپى دۈشمەنلەرنى  قاماققا ئېلىشتا ئۇزۇن جەريانلىق تارىخى بار . بۇ ئىش  ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە بىر دەۋېر داۋام قىلدى . قاماققا ئېلىنغان كۆپلىگەن كىشىلەر بارسا كەلمەس تۈرمىلەرگە پالىنىپ ، تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كەتتى . مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئىلىم ئادەملىرى كالا قوتىنى كەبى تۈرمىلەرگە پالاندى .خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرزامان ، ھەر جايدا بىر تۈرمە قۇرۇشنى مەخسەت قىلسا شۇ يەردە بىر تۈرمە قۇرالايدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممسى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىندۇ . فالۇنگۇڭچىلارمۇ بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغان . بۇ مەركەزلەر 2012 – يىلى رەسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسى دەپ ئىسىم قويغان قارا تۈرمىلەرگە پالايدۇ .

 شەرقى تۈركىستاندا ، يەرلىك ھۆكۈمەت لوگىكىغا ھۆرمەت قىلماي ، دىنىي سەزگۈرلىكىنڭ ئالدىنى ئېلىش ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەندەك ھەرخىل ۋەھىمىلىك ئىبارىلەر بىلەن ، قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دېگەندەك ئىسىم بىلەن پەردازلاپ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق ھالدا ، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانغا تايىنىپلا ئىنسانلىققا قارشى  تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنى قايتا تەربىيەلەش ، ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتاپ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى جازالاش لاگېرىغا قامىدى . لاگېرغا قامالغانلار ئۆزلىرىنىڭ قاچان ھۆرلۈككە چىقىدىغانلىقىنى ، بۇ يەردە قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . تۇتۇلغانلارنىڭ بەزىسىگە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كېسىم ئېلان قىلىدۇ ، ھەتتا بەزىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىدۇ . تەربىيەلەش مەركىزىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بىردەك خىتايچە ئۆگىنىشكە ، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا ۋە ھەتتا كومپارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ . بۇ قىلمىشلار تاشقى دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىدا پۈتۈنلەي دىكتاتورلۇق ۋە ئېتىقاتقا قارشى تۇرىدىغان رادىكال قىلمىشتۇر . كومپارتىيىنىڭ بۇنداق قىلشتىكى مەخسىدى بولسا، پارتىيەگە سادىق ، پارتىيەگە ئىتائەت قىلدىغان كىشلەرنى تەربىيلەپ چىقىش . ئەمەلىيەتتە خىتاي داۋراڭ قىلغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەشۋىقاتى بولسا دائىرلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنى خىتاي نۇپۇسنىڭ 96% بولغان خىتايلارغا ئاسمىلياتسىيە قىلىۋېتىش .

 خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە 19- قۇرۇلتايدا شىجىنپىڭنىڭ ھوقوقنى تامامەن مونوپول قىلىشى كومپارتىيە يۇقىرى قاتلىمىدا ھېچقانداق جىنايىتىنى  ئۈستىگە ئالمايدىغان شەرەپسىز بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. راستىنى دېگەندە شەرقى تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ،  كومپارتىيىنىڭ نۇمۇسسىز قارا يۈزى بولسا ماۋنىڭ زامانىدىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇش ئىشى بولۇپ،  خەلق بۇ ۋەقەنى  30 يىلدىلا ئۇنتۇپ قالدى . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتور ھوقوقىنى ئاقلاشتىكى باھانىسى بولسا خىتاينىڭ زېمىنى چوڭ ، جۇغراپىيىسى كەڭرى ، نوپۇسى كۆپ ، چۇقۇم ھوقوقنى مەزكەزلەشتۈرگەندە ئاندىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ دەپ قاراش . خىتاي ھۆكۈمىتى ھوقوقنى مەزكەزلەشتۈرۈش دېگەن كەلىمىنى ئىشلەتكەندە ئۇنتۇپ قالغان بىر تەرىپى بولىسا ھوقوقنى مەزكەزلەشتۈرۈش جىنايەتتۇر .

 

  گېزىت يەنە مۇنداق دېدى ، بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات – ماماتلىق ئەھۋالى چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ئەمما تاشقى دۇنيانىڭ دىققەت تارتىش ئىشىنى قىلچىمۇ تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ . مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ كۆپ سانلىقى بېيجىڭنى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن سۈكۈتنى تاللىدى . د ب ت كىشللىك ھوقۇق كومتىتىنىڭ رەئىسى باسلېي خانىم خەلىقارا تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ ، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ قورقۇنۇچلۇق خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى . ئادەمنى ئەندىشىگە سالدىغان بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسىگە چېتىلىدۇ . 15 غەرىب دۆلتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى 11- ئايدا شەرقى تۈركىستاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى چېن چۈئەنگوغا شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان ئېدى . ئامېرىكا پارلامېنتىدا 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئۇيغۇرلانى قوغداش ئۈچۈن بىر قانۇن لاھىيسسىنى يولغا قۇيۇشنى ئوتتۇرغا قويدى ، بۇ تەلەپ ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى .

ئەپسۇس تاشقى دۇنيانىڭ كىشللىك ھوقۇق قاتارلىق  بېسىم سىياسەتلىرىنى خىتاي ھىچ ئاڭلىمىغان قىياپەتتە پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە .

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سودىگەر ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، نەچچە يۈز مىليونلۇق مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى

يە دېكابىر 30 , 2018
شەرقى تۈركىستانلىق ساخاۋەتچى سودىگەر ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنىپ نەچچە يۈز مىليونلۇق مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىندى . تور بېكەتتە دېيشىچە

You May Like