فىرانىسىيەدە قارشلىق نامايىشى داۋام قىلماقتا

24- نويابىر فىرانىسيە پايتەىتى پارىژدا باشلانغان «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ماكرون ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنىڭ قەتئىيلىكى ئالدىدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل پارىژ شەھىرى نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى سەۋەپلىك جىددىي ھالەتكە كىردى. فىرانسىيە دائىرلىرى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى زورايتتى. گەرچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە يەنىلا ئاندا-ساندا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. 8-دېكابىر كۈنى، فىرانسى

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررىكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-13

24- نويابىر فىرانىسيە پايتەىتى پارىژدا باشلانغان «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ماكرون ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنىڭ قەتئىيلىكى ئالدىدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل پارىژ شەھىرى نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى سەۋەپلىك جىددىي ھالەتكە كىردى. فىرانسىيە دائىرلىرى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى زورايتتى. گەرچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە يەنىلا ئاندا-ساندا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. 8-دېكابىر كۈنى، فىرانسىيەدە مەملىكەت بويىچە «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشچىلىرىدىن 1000 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خەۋەر خەلقئارلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  پارىژدىكى مەشھۇر مەنزىرە نۇقتىسى بولغان ئېففېل مۇنارى، لوۋېر سارىيى، شۇنىڭدەك ئاساسلىق مېترو بىكىتى تاقالدى، كۆپ مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە مۇزىكا كېچىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، فىرانسىيە خەلقىنى چوقۇم ھوشيار بولۇشقا دەۋەت قىلدى. خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش كونسىلىمۇ تور بېتىدە خىتاي پۇقرالىرىغا بۇ قىتىملىق نامايىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، «سېرىق مايكىلىقلار» ھەرىكىتى ۋەكىللىرى بىلەن يېڭىدىن سۆزلىشىشنى مۇراجەت قىلدى. گەرچە نامايىشچىلارنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، ئىشچىلار مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلىرى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، نامايىشچىلار تېخىچە كوچىلارنى تەرىك ئەتمىدى. كۆزەتكۈچىلەر فىرانسىيەدىكى بۇ نامايىش ئاددى بىر ئىشچىلارنىڭ نامايىشى ئەمەس، بەلكى يەرشارى سىياسى كۈچلەرنىڭ سىياسى ئويۇنى دەپ قاراشماقتا.

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نېمىشقا تۇتۇلدى؟

چا دېكابىر 12 , 2018
1- دىكابىر خىتاي ئېلىكتىر- ئالاقە كاتتابېشى خۇاۋىي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ كانادادا تۇتۇلدى، ئامېرىكا بۇ ئايالنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا نىمىشقا خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى تۇتىدۇ؟

You May Like