فېيسبۇك ۋە تۋىتتىر خىتاي ھۈكۈمىتىنى قوللىغان ھىساپلارنى تاقىدى

8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلىقئارا خەۋەرلەردە فېيسبۇك ۋە تۋىتتىر قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسىتىنى قوللىغان خىتاي «بەشمو ئارمىيىسى» نىڭ ساختا ھىساپلىرىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-23

 

8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلىقئارا خەۋەرلەردە فېيسبۇك ۋە تۋىتتىر قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسىتىنى قوللىغان خىتاي «بەشمو ئارمىيىسى» نىڭ ساختا ھىساپلىرىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھىساپ نامىدا خوڭكوڭدا يۈز بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا قارىتا تۆھمەت، قارا چاپلاش، يالغان گە -سۆز تارقىتىش قاتارلىق نۇمۇسسىز ئىش ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن مەقسەتلىك، تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ قارالماقتا. تۋىتتىر 936 ھىساپ نۇمۇرى تاقىغان، فېيسبۇك بولسا 7سەھىپە، ئۈچ دانە فېيسبۇك گۇرپىسى، 5دانە شەخسىي ھىساپ تاقىغان. تۋىتتىر شىركىتى بۇلار بۇ قېتىملىق خوڭكوڭغا قارشى ئالدامچىلىق تەشۋىقات پائالىيتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان دەپ كۆرسەتتى.

ئەمەلىيەتتە بۇ تاقالغان يالغان ھىساپلار مۇشۇ تۈردىكى ھىساپلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك، ئاكتىپ بۆلىكى ئىكەن.

بۇ يەردە تۋىتتىر شىركىتىنىڭ باياناتىدىن ئۈزۈندە ئالساق بۇ دۆلەت تەرىپىدىن تەشكىلىك ئۇرۇنلاشتۇرغان، مەقسەتلىك يالغان ياۋىداق تارقىتىش ھەركىتىدۇر.

دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بۈگۈن فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئۆزىنىڭ تۋىتتىر قوللانمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ نامىدا تۋىتتىر ھىسابى ئېچىلىپ بىر نەرسە تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە بايانات بەردى. خىتاي «بەشمو ئارمىيىسى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ نىشانغا ئالغانلىقى ۋە فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائ‍ي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ماجرالاردا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا -خىتاي سودا ئۇرۇشى تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى

جۈ ئاۋغۇست 23 , 2019
2019-08-24 23-ئاۋغۇست خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن خىتايغا سېتىلىدىغان ماشىنا ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق 5078 خىل تاۋارلىرىغا قارىتا ئالدىغان 75 مىلياردلىق تاموژنا بېجىغا 10%، 5% جازا بېجى قوشۇپ ئالدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 2019 - يىلى 1-سېنتەبىر ۋە 2019 - يىلى 1 - دېكابىر ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

You May Like