فەيسبۇك ۋە ئۇنىڭ تارمىقىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ئۈزۈلۈپ قالغان

Facobook نىڭ تارمىقىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ مۇلازىمىتى 6 سائەت ئۈزۈلۈپ قالدى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 5-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا تېلېگراف ماگناتى مارك زۇكېربېرگنىڭ نامى ئاستىدىكى فەيسبۇك، ئىنستاگرام، ۋاتسئاپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرى دۈشەنبە كۈنى كەچتە 6 سائەتكە يېقىن ئېغىر كاشىلا تۈپەيلى مۇلازىمەتتىن توختاپ قالغان. بۇ قېتىملىق ئېغىر كاشىلا ۋە فەيسبۇك سابىق خىزمەتچىسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن.

4-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچتە پۈتۈن دۇنيادىكى 14 مىليوندىن ئارتۇق ئابونت ئۆزنىڭ فەيسبۇك، ۋاتسئاپ قاتارلىق ھېساباتلىرىنى  6 سائەت ئەتراپىدا ئىشلىتەلمىگەن، بۇ خىل ئەھۋال دۇنيادىكى يۈز مىليونغا يېقىن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان كۈندىلىك ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ تور مۇلازىمىتى سەيشەنبە ئەتىگەنگە قەدەر ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە ھىندىستانغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەردە تېلېگراف ئۇچۇر ھەققىنىڭ قىممەت بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە WhatsApp ياكى Messenger قاتارلىق ئالاقە ئەپلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، كاشىلا سەۋەبلىك بۇ رايونلاردىكى سودا -ئالاقە ئىشلىرى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. كاشىلا يۈز بەرگەندىن كېيىن فەيسبۇكنىڭ باياناتچىسىAndy Stone پۈتۈن دۇنيادىكى فەيسبۇك مۇلازىمىتىگە تايىنىدىغان شىركەت ۋە شەخسلەردىن كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن پروگرامما مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

دۈشەنبە كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن فەيسبۇك سابىق خىزمەتچىسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش ۋەقەسى بىلەن مۇلازىمېتىرنىڭ كاشىلىسى سەۋەبىدىن فەيسبۇك شىركىتىنىڭ پاي باھاسى 4.9% تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادى زىيان 7 مىليارد دوللار قىممىتىگە يەتكەن. خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فەيسبۇكنىڭ سابىق مەھسۇلات دىرېكتورى Frances Haugen مۇخبىرلارغا بىر قىسىم ئىچكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە فەيسبۇك شىركىتى پايدا مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئۆز ئابونتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن كارى بولمىغان. فەيسبۇك شىركىتىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، Instagram نىڭ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، مەزكۇر شىركەت بۇ ئىشلارغا ئانچە ئېتىبار قىلمىغان. Frances Haugen يەنە شىركەتتە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ فەيسبۇك، ئىنستاگراملاردا قالدۇرغان ئىنكاس، باھالىرىنىڭ مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي بولسۇن ئەزەلدىن ئۆچۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

4-ئۆكتەبىر رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قانچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فەيسبۇك شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

CNNنىڭ سابىق خىتاي ساقچىسى توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتى

سە ئۆكتەبىر 5 , 2021
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە تورىنىڭ ۋەتىنىمزدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق خىتاي ئەمەلدارىنى زىيارەت قىلغان خەۋىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

You May Like