ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن تۇيۇقسىز ئۇرۇش پارتىلىدى

بۈگۈن تالاش-تارتىشتىكى ناگورنو-قاراباغ رايونى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى دۈشمەنلىك ھەرىكىتى قوزغىدى، دەپ ئەيىبلەشتى. ئىككى تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەزەربەيجان ھەربىي تىك ئۇچارى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

فرانسىيە رادىئوسى، 2020-09-27
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-27

 

بۈگۈن تالاش-تارتىشتىكى ناگورنو-قاراباغ رايونى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى دۈشمەنلىك ھەرىكىتى قوزغىدى، دەپ ئەيىبلەشتى. ئىككى تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەزەربەيجان ھەربىي تىك ئۇچارى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ناگورنو-قاراباغقا ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بولسىمۇ، كۆپ قىسمىنى ئەرمەنلەر ئىگىلىۋالغان ھەمدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. ئەرمېنىيە ناگورنو-قاراباغنى ئۆز زېمىنى دەپ تونۇيدۇ ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغدىكى مۇداخىلىسى ۋە باستۇرۇشىغا نىسبەتەن ئەرمېنىيە زېمىنىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۈگۈن ناگورنو-قاراباغقا نىسبەتەن جىددىي سەپەرۋەرلىكنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى. فرانسىيە ئىككى تەرەپنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

 

ئەزەربەيجان ھازىرغىچە چېكىنمىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ تارىخىي تالاش-تارتىشى بار بولۇپ، مۇناسىۋىتى ناھايىتى جىددىي بولۇپ كەلدى. تۈركىيە پرېزىدېنت باياناتچىسى تۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا ھۇجۇم قىلغىنىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.» دېدى ۋە ئەزەربەيجانغا «تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.» دەپ كاپالەت بەردى.

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە بۆلگۈنچىلىرىنىڭ دېيىشىچە يەكشەنبە كۈنى ناگورنو-قاراباغ رايونىدا جىددىي ئۇرۇش پارتىلاپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتىن پۇقرا ۋە ئەسكەرلەر ئۆلگەن، شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىك ھەرىكىتىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

 

ناگورو-قاراباغ بولسا ئەزەربەيجاننىڭ بۆلۈنگەن رايونى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئەرمېنىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

 

ناگورنو-قاراباغدا 1990- يىللىرىنىڭ بېشىدا بىر قېتىملىق ئۇرۇش پارتىلاپ، 30000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق شۇنىڭدىن بېرى ئەزەربەيجان دائىرىلىرى زۆرۈر بولغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىپ كونتروللۇقنى قايتىدىن قولغا ئېلىش ئۈمىدىدە بولۇپ كەلگەن. ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتماللىققا كىرىپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان.

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ناگورنو-قاراباغدا دائىم قوراللىق توقۇنۇش، ھەتتا ئۇرۇش پارتىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ھەربىي تىركىشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. 2016- يىلى ئېغىر دەرىجىدىكى قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قاراباغ ئۇرۇشى پارتىلاشقا تاس-تاس قالغان. تېخى يېقىندا، يەنى 2020- يىلى ئىيۇلدا ئەرمەنلەر ۋە ئەزەربەيجانلار چىگرادا ئېغىر دەرىجىدە قوراللىق توقۇنۇشقان ئىدى.

 

مەنبە:
https://www.rfi.fr/cn/%E7%94%9F%E6%80%81/20200927-%E9%98%BF%E5%A1%9E%E6%8B%9C%E7%96%86%E4%B8%8E%E4%BA%9A%E7%BE%8E%E5%B0%BC%E4%BA%9A%E4%BB%8A%E7%AA%81%E5%BC%80%E6%88%98-%E4%BA%9A%E7%BE%8E%E5%B0%BC%E4%BA%9A%E5%85%A8%E5%9B%BD%E7%B4%A7%E6%80%A5%E5%8A%A8%E5%91%98

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي دائىرىلىرى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى

يە سېنتەبىر 27 , 2020
ئامېرىكا سىملىق خەۋەر تورى (CNN) نىڭ 21- سىنتەبىردىكى دوكلاتى: يېقىندا CNN خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 6 بەتلىك جاۋاب خېتىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى تۇغماس قىلىشقا

You May Like