ئەركىن سىدىق ۋاشنگىتوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن نېمىلەرنى دېيشتى ؟

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-ئۆكتەبىر

فايىرفاكىس شەھىرى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى

 

10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كىين سائەت بەشتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى فايىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تولدى،ئادەتتىكى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن پائالىيەت مەركىزىدە چوڭلار،ياشلار ھەتتا بالىلارغىچە جەم بولغان بولۇپ،ئۇلار بۇگۇن بۇ يەردە بىر ئەھمىيەتلىك ئشنى -بىر مەيدان ئەقلى ئوزۇق-ئىلمى لېكسيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاۋاتاتتى.بۇ مەنزىرە كىشگە ئىلىم سۆيەر،كەلگۇسگە ئۇمۇتۋار بىر خەلق روھنى ئەسلىتەتتى…….

مەركەز قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي دوكتۇر ئەركىن سىدىقنى لېكسيەگە تەكلىپ قىلغاندىن كىين ئەركىن سېدىق ئەپەندى تۆۋەندىكى تېمىلاردا لېكسيە بەردى:

«بىز قانداق قىلىپ بۈگۈنكى ھالغا كىلىپ قالدۇق؟ تاشقى سەۋەب ۋە ئىچكى سەۋەب؟

بۇنىڭدىن كىين قانداق قىلىش كىرەك ؟

«ئەمنىىيە دەۋرى» ۋە ختتاينىڭ نەيرەڭۋازلىق تارىخى

«يېغىلىق دەۋرى» ۋە ختتاينىڭ نەيرەڭۋازلىق تارىخى

«ختتاينىڭ 100 يىللىق مارافون»پىلانى

مىللەت دۆلىتىى ۋە مەدەنىيەت دۆلىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى ۋە ختتاي كۈلتۈرى

ختتاي مىللىتىنىڭ ئىرقى كەمستىش خاراكتىرى

ئۇيغۇرلار نىمىشقا بۇگۇنكى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھىنىڭ يوقىلىشى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھى نىمىشقا ئاجىزلاشتى؟

بۇيرۇلغان ياردەمگە ئىرىشنىڭ ئىككى شەرتى

مۇھىم ئشلارنى ئالدىدا قىلىش:ۋاقىت ماترىساسى

ئشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشلەر

كەلگۇسگە قانداق يۈزلىنىمىز ؟

بالىلارنى ياراملىق تەربىيلەش ھەققىدە ئۇسۇللار

لېكسيەنى كۆپچىلىك ناھايتى دىققەت بىلەن ئاڭلاشتى!

مەزكۇر مەركەز قۇرغۇچىسى،سايبىر تەك تېخنىكا شركىتى (Solution CyberTech)دىرىكتورى قۇززات ئالتاي سۆز ئىلىپ،بۇگۇنكى لېكسيەنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە توختالدى،ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى جىددى تارىخى پۇرسەتتە تۇرىۋاتقاندا،ھەر ساھە كىشلەرنىڭ ئۆز قولىدىن كىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۇچۇن كۇچ چېقىرىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى،ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە ئوخشاش پىداكار ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇشۇنداق بىر سورۇن ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،خەلق ئۇچۇن مۇھىم نۇقتىلاردا ئورتاقلىششنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئۇچۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى،مەزكۇر مەركەزنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ،ياشلارنىڭ ،ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىيتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:ھازىرقىدەك جىددى پەيتتە ئۇيغۇر خەلقى ۋەتەن-مىللەت ئۇچۇن سۆزلەيدىغان،ئش-قىلىدىغان ھەر قانداق شەخسنى ھەر قانداق شەرتسز قوللاش،ئۇنىڭدىن ئەيىپ تاپماي تۇرۇپ ،باھانە ئىزدىمەي تۇرۇپ قوللاش ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى؛

پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلار لېكسيەدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۇردى،بىر ياش مۇنداق دىدى:لېكسيەدىن ئۆزۇم نۇرغۇن نەرسلەرنى ھس قىلدىم،بولۇپمۇن ختتاينىڭ ماھىيتىنى تېخىمۇ ياخشى چۇشىنىۋالدىم.ختتاي ھەقىقەتەن رەھىمسز ،ساختىپەز بىر مىللەت ،بىز يىللاردىن بىرى ئۇلارنى توغرا چۇشەنمىدۇق،بۇگۇنكى لېكسيەدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مەسللەر سۆزلەندى.

لېكسيەگە ئىككى بالسنى بىللە ئىلىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا مۇنداق دىدى: مەن بۇ لېكسيەدىن پەرزەنىت تەربىيلەشكە ئائىت نۇرغۇن ياخشى نەرسلەرنى بىلىۋالدىم.

كىشلەر لېكسيەدىن كىين ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۇرەتكە چۇشتى،پىكىر ئالماشتۇردى،مۇھىم سۇئاللارنى سورىدى،ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى سوراشتى.

مەزكۇر مەركەز تۆھپىكارلىرىدىن بىرى قاھار مۇنداق دىدى: مەن مەزكۇر لېكسيەدىن كائىنات ھەققىدە ئەمەلى بىلىملەرنى ئۆگەندىم،ئىلگىرى ئاڭلىمىغان ئۇچۇرلار مول بولدى،باشقا دوسلىرىممۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر لېكسيەنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بىلدۇردى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە كۆرسەتكەن دوستانىلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ، ھەر قېتىم ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆرسە خۇددى ۋەتەننى كۆرگەندەك خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى؛

بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئىككى كۇنلۇك بولۇپ،بىرىنچى كۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش لېكسيەسى ،ئىككىنچى كۇنىدىكىسى ئامېرىكا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۇرۇش لېكسيەسدىن ئىبارەت.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ۋاشنگىتون شەھىرى مۇسۇلمان جەمىيەتلىرى رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى!

سە ئۆكتەبىر 9 , 2018
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى فايىرفاكىس شەھىرى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان جەمىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ،مەسجىد ئىماملىرى،ئسلام مىديالىرىدىن تەشكىل تاپقان 100 دىن ئارتۇق ۋەكىللەرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالى تەپسلى تونۇشتۇرۇلدى؛ پائالىيەت -ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىگە […]

You May Like