ئەرەب مېدىياسى:خىتاي ھۆكۈمىتى ھاجىلارنى ئىلىكترونلۇق يىپ بىلەن كونتىرۇل قىلغان

ئامېرىكا The Atlantieژورنىلنىڭ سالاھىيتىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان خەۋەر مەنبەلىرىدىن خەۋەر قىلىشچە : خىتاي ھۆكۈمىتى قۇشقا ئوخشايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھاجىلارنى ئىلىكترونلۇق يىپ بىلەن كونتىرۇل قىلغان

ئەرەب تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ھىدايەتۇللاھ كاسانى ( ئاۋىستىريە)

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

 

  ئامېرىكا The Atlantieژورنىلنىڭ  سالاھىيتىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان خەۋەر مەنبەلىرىدىن خەۋەر قىلىشچە : خىتاي ھۆكۈمىتى قۇشقا ئوخشايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان

   قۇشقا ئوخشايدىغان بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەقىقەتەن قۇشقا ئوخشۇتۇپ ياسالغان  بولۇپ، ئۇچىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ پەرىقلەندۈرۈشى ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ھايۋانلار ئەسلا پەرىق قىلالمايدىكەن. ئۇ ئاسماندا ئۇچىۋاتقان قۇشلارغا يىقىنلاشقان چاغدا ھەتتا قۇشلارمۇ ئۇنىڭ قۇش ئەمەسلىكىنى پەرىق قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان

  بۇ تۈرنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئاشكارلىشىچە،  بۇ ئايروپىلاننىڭ قۇشلارغا تەقلىد قىلنىش نىسبىتى 90%گە يەتكەن بولۇپ، ئايروپىلان ئۇچقان چاغدا ناھايتى تىنىچ، ئاۋازسسىز ئۇچىدىكەن

بۇ ئايروپىلانغا (كەپتەر)دەپ ئىسىم قۇيۇلغان

بۇ ئايروپىلان كەپتەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ،  نۇرغۇنلىغان ئامىللار بۇ  ئايروپىلاننىڭ كەپتەردەك تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىنىشىدىن گۇمان قوزغايدۇ.  كەپتەر تەتقىقات تۈرىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى (   yang wen ning,杨文宁    بىلدۈرىشىچە: بۇ تېخنىكا كۆپلىگەن ئەۋزەلىككە ئىگە بولۇپ، ئارمىيە ۋە خەلىقنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا بولغان ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ ۋە تېخىمۇ ئىستىقبالى بار

ھازىرقى زامان كۆزىتىش ۋە پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى چوڭ جىنايەتچىلەرنى تۇنۇش ۋە ئىز قوغلاشتىن تارتىپ،  يول بەلگىلىرىگە دىقەت قىلماي تەرتىپسىز ئ‍ۆتكەن، ھەتتا ئاممىۋى تازلىق ئۆيىدە كىمنىڭ بىرتال قەغەزنى ئارتۇق ئىشلەتكەنگە قەدەر  ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا ناھايتى كەڭ ئۇمۇملاشتى.  بۇلارلا ئەمەس، بەزى خىزمەتچى خادىملارغا مەجبۇرى ئېلىكتىرونلۇق مىڭە دولقۇنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، غەزەپ، تەشۋىشلىنىش، روھىي بېسىم ھېس قىلغانلىرى بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلارمۇ بار

خىتايدىمۇ جەمىيەت ئامانلىقى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سېستىمىسى بار.  ئۇ تۈزۈم بولسا مىليۇنلىغان خەلىقنڭ ئىش پائالىتىنى كۆزىتىپ(توردىكى ئىجتىمائى ئالاقە ۋە  ئېلىم سېتىمنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)ئۇلارنىڭ ئەخلاققا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تورداشلارنىڭ باھا بېرىشىگە قۇيۇپ قۇيىدۇ، باھانى جىق يازغان ئادەم بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ

ئامېرىكا  تاراتقۇلىرىنىڭ دوكىلات قىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنى تەقىپ قىلىشتا، سېسىق نامى پۇركەتكەن دۆلەت.  مۇسۇلمانلارغا بولغان سەزگۈرلىكى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ.   خىتايدا 22مىليوندىن 25مىليۇنغىچە مۇسۇلمانلار ياشايدۇ، خىتاينىڭ نۇپۇسى 1مىليارد 400مىليون.  ئەركىنىلىك سارىيىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىشىچە، تەقىپ قىلىش مۇسۇلمانلار ۋە تىبەتتىكى بۇددىستلار ۋە خىرىستىيان ئېتىقاتچى ئاممىلارغا كۈچلىك  تەسىر كۆرسەتكەن. ئۆتكەن بەش يىلدا بۇ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان

خىتايدا يامان كۆرستىلۋاتقان ئىسلام

بۇ ھەپتە  RoseHolman Institute of Technology   دىكى خىتاي مەسسىلىرى مۇتەخەسىسى Timothy gross نى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ <<كەپتەر>>گە ئوخشاش نەرسىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا ئىشلتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتمىز.  ھازىرغا قەدىر كەپتەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بەش ئۆلكىدىن ئۇچۇپ ئ‍ۆتتى.  لىكىن ئۇنىڭ بىر ئالاھىدە رايوندا ناھايتى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلشى تەسادىپىلىق ئەمەس، ئۇ رايون بولسىمۇ شىنجاڭ (شەرقى تۈركستان-ت ).   ئۇ رايون خىتاينىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،  ئۇ رايوندا ئازسانلىق ئۇيغۇر مىللىتى ياشايدۇ.   خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ئىزچىل رادىكالچىلارنىڭ ۋە مۇستەقىلچى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇۋىسى دەپ قاراپ كەلدى.  2009- يىلىدىكى  قىرغىنچىلىقتا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى.  بۇ رايون يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەشكە دۇچ كىلۋاتىدۇ .  يەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر بۇ رايوندا بارماق، قان، كۆزنۇرى، ئاۋاز ۋە DNAئەۋرىشكىلىرىنى يىغۋاتىدۇ

George Town ئونۋېرستىتىنىڭ خىتاي تارىخى تەتقىقاتچىسى پىرافىسور   Tomas Millwardنىڭ دېيىشچە:  خىتاي ھۆكۈمىتى خەلىقنىڭ ئېدولوگىيە ئېڭىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي تاقابىل تۇرۋاتىدۇ.  <<شىنجاڭدا رادىكال دېگەن چۈشەنچىنىڭ قوللىنىش دائىرسى بەك كەڭ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىر ئۇيغۇرنى رادىكال دەۋاتىدۇ>>.   ئۇ يەنە 11مىليۇن ئۇيغۇر ياشايدىغان بۇ رايوننىڭ تەقىپ قىلىنىشى خىتايدىكى ھەرقانداق مىللەتكە سېلىشتۇرغاندا  ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئاشۇرۋەتكەنلىك. ھازىر ئىسلام دىنى خىتايدا يامان قىلىپ كۆرستىلمەكتە« دېدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەج ئۆمىكىدىكى ھاجىلاردىن نېچۈن ئەندىشە قىلدۇ؟

بۇ ئايدا خىتايدىن 11500نەپەر ھاجىلار ھەج پەرىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلدى.   ھاجىلار دۆلىتىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ بەزىسىگە خىتايدا ئىشلەنگەن  ئەقلى ئىتىدارلىق كارتىغا ئوخشاش نەرسە تارقاتقان بولۇپ، يىپ بىلەن بوينىغا ئېسىۋالىدۇ.   بۇ نەرسە بۇنى ئاسقان ئادەمنىڭ ئىش ھەركىتىنى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلى خاتىرلىيەلەيدۇ.  خىتاي ئىسلام دىنى جەمىيىتى بۇ نەرسە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن« دېدى

ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەندىشە ئەقىلگە ئۇيغۇن.  چۈنكى 2015-يىلدىكى ھەج مەۋسۇمىدا دەسسلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەب بولۇپ،750تىن ئارتۇق ھاجىلار ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىراق بىر قىسىم كىشلىك ھۇقۇق مۇتەخەسسىلىرىنىڭ كۆرستىشىچە، بۇنچە تىرىشچانلىق سەرىپ قىلىپ نازارەت قىلىش بولسا،  ئەمىليەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيىتىنى تەقىپ قىلغانلىق.  كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتى Human Rights Watchsبىردوكىلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىليەتتە قورقۇۋاتقىنى بولسا، ھاجىلارنىڭ ئۆكتىچى شەخىس ياكى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچىرشىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئىكەن

Gross مۇنداق دېدى: مەن كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى قىلغان دوكلىلاتلىرىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ بىرتەرەپ قىلالمايمەن، ئەمما بۇ مەسىلىنى داۋاملىق تەكشۈرىمەن.  ھاجىلارنى ئۆمەك باشلىقى ياكى ئەزالىرى ھەردائىم نازارەت قىلپ تۇرىدۇ.  ئەمىلىيەتتە بۇ ئادەملەر بولسا خىتاي ئىسلام جەمىيىتى نامىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان نازارەت قىلغۇچىلاردۇر.  ھاجىلارنىڭ قولىغا كۈندىلىك پائالىيەت ۋاقىت جەدىۋىلى تارقىتلدۇ، مۇشۇ جەدۋەل ۋە نازارەتچىلەرنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇىشى ھاجىلارنىڭ پائالىيىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.  ئۇلار ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەت ۋاقتىدىن باشقا ھاجىلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلدىغان ۋاقتى بولمايدۇ« دېدى

Gross: » ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىت جەدۋىلى ۋە نازارەت سېستىمىسنى ئىشلتىش  ئاشۇرۋەتكەنلىك .  ھۆكۈمەتنىڭ ئويلايدىغىنى بولسا ھاجىلار بىز ئۇرۇنلاشتۇرۇغان ۋاقىت بويىچە پائالىيەت قىلماي، باشقىلار بىلەن ئوغۇرلىقچە كۆرشۈپ، ۋەتىنىگە قايىيقاندا ئىسلام دىنىنى ھۆكۈمەت چۈشەندۈرگەن بويىچە ئەمەس،  ئۇلار دەپ بەرگەن بويىچە تارقىتشتىن قوقۇشتۇر« دېدى

ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك

خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ چوڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ ۋە ھۇقوقلىرىدىن مەھرۇم قېلنىۋاتىدۇ.  بەزى دوكلاتلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن بىرمىليۇن ئۇيغۇرنى ھىچقانداق سوت ھۈكۈمىسىز جازالاش لاگىېرلىرىغا يىغۋېلىپ، كومىنستىك پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا مەجبۇرلىنۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى تەنقىد قىلنۋاتىدۇ، ھاراق ئىچىش ۋە چوشقا گۆشى يىيىشكە مەجبۇرلىنىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئىنكار قىلىنۋاتىدۇ.   خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تارمىقىدىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتنىڭ بىرمىليۇنغا يىقىن ئۇيغۇرلارنىڭ جازالاش لاگىردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋە دوكلاتلىرىنى ئىنكار قىلدى

7- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كومتىتى بىرمىليۇنغا يىقىن يىغۋېلىش لاگىرىغا يىغۋېلىنغان  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئامېركىنىڭ پارلامىنت ھەيئەت ئەزالىرى بۇ ئىشنى » بۈگۈنكى زاماندىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلشتۇر« دېدى

ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئاساسلىق ئۇيغۇرلارغا زەربە بىرۋاتقان بولسىمۇ،  قازاقلارغا ئوخشاش مىللەتلەرمۇ بۇ زىيانكەشلىكە ئۇچىراۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تۈركىي مىللەت، بۇلار ئەڭ ئ‍ېغىر زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا ئۇچىراۋاتىدۇ.  خىتاي ھۆكۈمىتى «بۇ مىللەتلەرنى،  بۇ رايوننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تەھدىد« دەپ قارايدۇ.   ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ دۆلىتى شەرقى تۈركىستاننى قۇرۇپ چىقماقچى، قازاقلار بولسا تاشقى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ دۆلىتى قازاقىستان بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كىلۋاتىدۇ

كىشلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىسى ئالى تەتقىقاتچىى Maya Wang بىر پارچە ئېلكتىرونلۇق خېتىدە: » خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەلىقنىڭ ئىدىيىسىدە خاتا چۈشەنچە بار دەپ قارايدۇ، يەنى بۇلار ئۆزىنى تۈركىيەدىكى تۈرۈكلەر ياكى ئوتتۇرا ئ‍اسىيادىكى تۈركلەرگە يىقىن دەپ قارايدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسىنى تۈزىتىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە سادىق، قانۇنلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقماقچى» دېدى

بۇ ھەقتە يەنە  : «خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەرنىڭ ھەرخىللىششى ۋە كۆپ مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالىمىشىشىغا رىغبەتلەندۈرۋاتىدۇ.   لىكىن خەلق بۇ رىغبەتلەندۈرۈشنى دىننى ئېتىقاد سەۋەپلىك كەينىگە چىكىندۈرۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ قورقىدىغىنى دەل مۇشۇ ئېتىقاد. چۈنكى بۇ دىننى تەرغىبات چىگرا سىرتىدىن كەلگەن بولغاچقا، خىتاي بۇنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز . خىتاينىڭ نازارەت قىلىشتىكى تەجىربىلىرى بەلكى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقىلىشى مۇمكىن.  يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئ‍ۈستىدىن سىناق  ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى يېڭى تېخنىكىلىرى بۇندىن كىيىن خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭيىشى مۇمكىن ۋە چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىشى مۇمكىن.   شىنجاڭ خىتاي ئۈچۈن تېخنىكىلىرىنى سىناق قىلىش پۇرسىتى بولدى، ئۇلار بارابارا تېخنكىلىرىنى باشقا ئۆلكىلىرىدە تېخىمۇ كەڭ قوللىنىشى مۇمكىن« دېدى

گىروس يەنە: » خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ يېڭى نازارەت قىلىش  تېخنىكىلىرىنى مالايسىيا، پاكىستان، ۋە زېمبابۈۋى قاتارلىق دۆلەتلىرىگە سېتىپ بەردى، بەلكى بۇ تېخنىكىلار پات يېقىندا ياۋرۇپاغىمۇ كەپ قېلىشى مۇمكىن« دېدى

   

مەنبەسى : ئامېركىدا چىقىدىغان ئەرەپ پوست توربىكىتنىڭ 2018 -08-22 كۈندىكى ئەرەپچە خەۋىردىن ئېلىندى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرلۇشى پاكىستاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى!

جۈ سېنتەبىر 14 , 2018
رەسىم: مالايسيە مالىيە مىنستىرى لىم گۈەن ئىڭ ، مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغان نىفىت ۋە تەبئي گاز يەتكۈزۈش تۇربسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈرنى بىكار قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

You May Like