ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ئىسرائىلىيە بىلەن «ئىبراھىم ئەھدىنامىسى» تۈزدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا 16- سىنتەبىر بىر تارىخىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا شەرق تەقەززار بولۇپ كۈتىۋاتقان تىنچلىق مۇساپىسى رەسمىي باشلاندى. ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپ ۋە مىنىستىر مايك پومپيونىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تىنچلىق مۇساپىسى باشلاندى، يەھۇدى دۆلىتى ئىسرائىلىيە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن پادىشاھلىقى دۆلەتلەر ئارا مۇناسۋەتنى نورماللاشتۇرۇپ، ئىبراھىم ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇردى.

ئافراسياپ، 16-سىنتەبىر
ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون

 

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا 16- سىنتەبىر بىر تارىخىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا شەرق تەقەززار بولۇپ كۈتىۋاتقان تىنچلىق مۇساپىسى رەسمىي باشلاندى. ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپ ۋە مىنىستىر مايك پومپيونىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تىنچلىق مۇساپىسى باشلاندى، يەھۇدى دۆلىتى ئىسرائىلىيە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن پادىشاھلىقى دۆلەتلەر ئارا مۇناسۋەتنى نورماللاشتۇرۇپ، ئىبراھىم ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇردى.

 

پرېزىدېنت ترامپ، ‍ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە ۋەزىرى، بەھرەيىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى قاتناشقان مۇراسىمدا ھەر قايسى رەھبەرلەر تىنچلىق ئۈچۈن بېسلغان قەدەمنى تەبرىكلەشتى. ئۇلار ئىككى يۈرۈش توختام ئىمزالاشتى.

 

نىتانىياخۇ: «بىز ھەممىمىز بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى، بىز بىر رايوندا بىللە ياشاشقا مەجبۇرمىز، مەن ئۇرۇشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، ئۆزۈم ئۇرۇشتا يارىلانغان، مېنىڭ ئاكام ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ئىشىنىمەنكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر بىر مۇسۇلمان، يەھۇدى، خىرستئاننىڭ تىنچ ياشغۇسى بار. تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان ھەر بىرىڭلارغا دۆلىتىمىز <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دەپ قۇچاق ئاچىدۇ. ئەمما مەن دۆلىتىمنى مەڭگۈ كۈچلۈك دۆلەت قىلىش ئ‍ۈچۈن جېنىمنى ئاتىغان بىر كىشى. بۇ تىنچلىقنىڭ پايدىسنى كېينكى ئەۋلادلار، رايوندىكى ھەر بىر پۇقرا كۆرىدۇ. مائارىپ، ئېقتىساد، سەھيە تەرەققىي قىلىدۇ.» دېدى.

 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىن زايىد: «مەن سلەرگە خەلىپە بىن زايىد بىن سۇلتان ئەل نايھاننىڭ سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتەي: <بۇ بىر بۈيۈك تارىخىي پۇرسەت، ھەر بىر كىشى مەمنۇن بولىدىغان بىر پۇرسەت، بىز تارىختا ئەمەس، بۈگۈنكى دۇنيادا ياشىشىمىز كېرەك، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدىغان چاغ كەلدى.>» دېدى.

 

بەھرەيىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، مىنىستىر مايك پومپيونىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈنكى بۇ بۈيۈك بىر نەتىجە ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقىسىز ئەمەلگە ئاشمايتتى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تىنچلىقنى قەدىرلەيمىز.» دېدى.

 

پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇت ئابباس: «ئەگەر ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنى بېسۋىلىشنى توختاتمىسا، بۇ تىنچلىق بىز بىلەن ئالاقىسز.» دېدى.

 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەلەستىننى تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مەسلە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم ئېلىشقا چاقىردى.

 

بۇ تىنچلىقنى تەنقىد قىلغۇچىلار كۆپ بولغانسرى، پەلەستىننى تەنقىد قىلغۇچىلارمۇ كۆپ بولماقتا. نۇرغۇن ئەرەب مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارىماقتا: ئەينى چاغدا ئ‍سرائىلىيە دۆلەت جاكارلىغاندا، ب د ت ۋە غەرب پەلەستىننىمۇ دۆلەت جاكارلاشقا چاقىرغان. ئەمما پەلەستىن ئۆزىگە تەۋە يەر-زېمىندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئەمەس، ئىسرائىلىيەنى قوغلاپ چىقىرشقىلا كۆڭۈل بۆلگەن، نەتىجىدە ئىسرائىلىيە بارغانچە ئىچكىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ زېمىن ئىگىلىدى. ھازىرقى ئابباس ھۆكۈمىتى ئىنتايىن چىرىك، خەلق تۇرمۇشى ئېغىر، كېسەللىك، نامراتلىق تېخىمۇ ئېغىر. پەلەستىن مەسىلىسىدە، پەلەستىنلىكلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلىشى، دۈشمەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا توسالغۇ دەپ، دۈشمەن بىلەن ھەپىلەشمەستىن، ئايرىم تېررىتورىيەسدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولسا، بۇ چاغقىچە مۇنتىزىم دۆلەت ئارمىيسى، مائارىپى، ئىقتىسادى، سەھيەسى، دىپلوماتىيەسى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولاتتى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر نانلىرى خىتاي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلىنامدۇ؟

چا سېنتەبىر 16 , 2020
2020-يىلى9-ئاينىڭ -14-كۈنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى » خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ت -شەرقى تۈركىستان )نىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى نۇرلان ئابدۇلـمەجىن ئۇيغۇر نانلىرىنى تىرىشىپ پۈتۈن خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىدە سېتىشقا چاقىرىق قىلغان.

You May Like