ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەدىكى زور كۆلەملىك نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەدىكى زور كۆلەملىك نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەدىكى زور كۆلەملىك نامايىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-سېنتەبىر

14-سېنتەبىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قەيسىرى، كونيا قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن 400ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار  پايتەخت ئەنقەرەگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئاچ قويۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېتىپ كېلىپ نامايىش ئىلىپ بارغان. نامايىش سائەت 12 دە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى ئالدىدا ئىلىپ بېرىلغان ۋە ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى ئالدىغا قەدەر سۈرۈلگەن.
     
ئۇيغۇرلارغا باش پاناھ بولىمىز، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئىگە بولىمىز دەپ سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئەردوغان ھۆكۈمىتى مەزكۇر نامايىشنى تۈرلۈك ئۇسۇللار  چەكلەش، قورقۇتۇش ھەتتا تۇتۇش  قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن  توسقۇنلۇق قىلغان. 
نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققان. ساقچىلار نامايىشنى چەكلەشكە ئۇيغۇرلار قوشۇلمىغاندىن كىيىن، ساقچىلار نامايىشى ئۇيغۇرلارنى ئىتتىرگەن. قارشىلىق بىلدۈرگەن بىر تۈركۈم ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان. ۋىدئودا كۆرسىتىلىشىچە بىر ئانا ھوشىدىن كەتكەن. تۈركچە سەربىيەت خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇلايمان سويلۇ بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ ، ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا ، ئەنقەرەدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشقا بولمايدۇ دېيىلگەن.

خىتاي ئۆتكەن بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن. تۈركىيە ئىقتىسادى جەھەتتە خىتايغا بېقىنىدۇ، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى تۈركىيەنى داۋاملىق رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپكە ئىتتىرمەكتە بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ زور يوقىتىش ئىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمە ئويۇن ئويناش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئايال پادىشاھ مېيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن

جۈ سېنتەبىر 16 , 2022
خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئايال پادىشاھ مېيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىشى چەكلەنگەن

You May Like