تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 3 – سىنتەبىر
خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسدىكى كەڭ كۆلەملىك مۇھاكىمە يىغىنى چارشەنبە كۈنى (1 سېنتەبىر) ئەنگىلىيىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا داڭلىق ئالىملار، قانونشۇناسلار، سىياسەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتناشتى.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنى نېۋكاستىل ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلدى ۋە 3 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ تۇنجى قېتىم نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى بۇلۇپ ھېسابلنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلغانلىقى توغرىسدىكى پاكىتلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. خىتاينىڭ غەربى شىمالدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە نامى ئاستىدا ئىشغال قىلىنغان ئۇيغۇرسىتاندا، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،خىتاي ئىزچىل ھالدا بۇ مەركەزلەرنى خەلقئاراغا قايتا تەربىيىلەش مەركىزى دەپ تونۇتۇپ، خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزنى بوياپ كەلمەكتە.
بۇ مەركەزلەردە ئۇيغۇرلار مېڭە يۇيۇشقا، مەجبۇرى ئەمگەك قىلىشقا، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەتتا تۇغماسلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ۋە تۈرلۈك قىيىن قىستاقلارغا ئۇچرىغان. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى (ئىرقىي قىرغىنلىق ) دەپ بېكىتتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك قىلىش، مەجبۇرى تۇغماسلىق ۋە دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ۋەھشىيلىكلەرنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى ئۇستىدە مۇزاكىرە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكنى قانداق قىلىپ توختىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جو سىمىس فىنلېينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئىشقا خەلقئارادىن تېخنىكىلىق مەسىلە دەپ قارىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز. خەلقئارا كۈچلەر چوقۇم بىرلىشىپ ، جۇڭگوغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى ۋە مەسلە ئۈستدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئبلىپ بېرۋاتقان بۇ خىل زىيانكەشلىكتىن توسايلى.
فىنلېي يەنە: بۇ بىر چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ، ئۇنىڭ تەخىرسىزلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ دېدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ ياكى مەدەنىيەت يوقىتىشمۇ؟ ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتمۇ؟ بىز ئۇنى قانداق ئەرز قىلالايمىز؟ بىز بۇ ئاپەتنىڭ داۋاملىشىشىنى قانداق توسۇش ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا تىرىشىۋاتىمىز.
فىنلېي نېۋكاستىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى، ئۇ خىتاي تەرىپىدىن جازا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.2007 ۋە 2015-يىللىرى ئۇ ئۇيغۇرىستان (شىنجاڭ) ۋە ئۇيغۇر ھەققىدە ئىككى كىتاب نەشر قىلدى.
خىتاي سولچىل كۆزەتكۈچىلەر تورى 3 ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ، فىنلېينىڭ يىل بويى ئۇيغۇرىستانغا (شىنجاڭغا) ئائىت ساختا ئۇچۇرلارنى ياسىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى دىگەن . 26-مارت فىنلېيى ئۆزىنىڭ تېۋىتتىر ھېسابىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: مەن راسىت گەپ قىلىدىغان ۋىجدانغا ساھىپ بولغانلىقىم ئۇچۇن ، خىتاينڭ جازاسىغا ئۇچرىدىم، ئەمما ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلكىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن.
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئۇيغۇرىستان (شىنجاڭ) مەسىلىسىدىكى مۇتەخەسسىس ، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرىستاندىكى ( شىنجاڭدىكى) كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماسلىققا مەجبورلاش قاتارلىق زىيانكەشلىك ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ يىغىندا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىشتىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى رەسمىي ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، يېقىنقى يىللاردا كەم دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا قولغا ئېلىنغان، قولغا ئېلىنغانلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قوبۇل قىلغان ئەيىبلەشلەر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىيناش ، سىستېمىلىق تۇغۇت چەكلەش ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ ، ئۇلارنى «بىمەنە» ۋە « يالغان » دەپ ئاتىدى. خىتاي بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ پەقەت تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى، قامالغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارەتلىرىنى ئۈگىتۋاتقانلىقىنى ۋە قامالغانلارنىڭ كاللىسىدىكى »»ئاشقۇن ئىدىيىلىرىنى»»يۇقىتىش دەپ بىلجىرلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ، ئەنگىلىيە ، بېلگىيە ، گوللاندىيە ۋە كانادانىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى(شىنجاڭدىكى) ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكەقارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇرىستان ( شىنجاڭ) پاختا ۋە پەمىدور مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قاراپ ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى ، ھەمدەئۇيغۇرىستاندىكى(شىنجاڭدىكى) مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزدى. ياۋرۇپا ئىتپاقى ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي كوممۇنىست پارتيسنىڭ ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزدى.
خەۋەر مەنبەسى:
https://www.washingtonpost.com/world/xinjiang-genocide-conference-aims-to-up-pressure-on-china/2021/09/01/f8038104-0afe-11ec-a7c8-61bb7b3bf628_story.html
https://www.voachinese.com/a/Xinjiang-Genocide-Conference-Aims-To-Up-Pressure-On-China-20210901/6081744.html