ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم بۇغداي ئۆڭلۈك ، كاتتا باي باش ۋەزىر بارلىققا كەلدى

ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم بۇغداي ئۆڭلۈك ، كاتتا باي باش ۋەزىر بارلىققا كەلدى

 ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم بۇغداي ئۆڭلۈك ، كاتتا باي  باش ۋەزىر بارلىققا كەلدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-ئۆكتەبىر

بۈيۈك برىتانىيە پادىشاھلىقى بۈگۈن ئۆز تارىخىدىكى تۇنجى ئاق تەنلىك بولمىغان باش ۋەزىر -رىشى سۇناكنى كۈتۈۋالدى. رىشى سۇناك (Rishi Sunak ) ھىندى پۇشتىدىن بولغان بولۇپ، بۇ يىل 42 ياشتا، ئۇ ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ‍ئەزاسى بولۇپ، بۇرۇن بورس جونسۇن باش ۋەزىرلىكىدىكى ھۆكۈمەتتە مالىيە مىنىستىرى بولغان. بۇ يىل يازدا، لىز تۇراس بىلەن  بولغان باش ۋەزىر سايلىمىدا ئۇتتۇرۇۋەتكەن. لىز تۇراسنىڭ مالىيە سىياسىتى پارلامېنتتا قارشىلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئىككى ئايلىق باش ۋەزىر تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان.

رىشى سۇناك مالىيە كەسپىگە ماھىر بولۇپ، ئىلگىرى گولدى ساكسمان بانكىسىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ بايلىقى 830 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ،ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ باي باش مىنىستىر ھېسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2022-يىلى ئىچىدە ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2 مىليون 760 مىڭدىن ئاشقان

دۈ ئۆكتەبىر 24 , 2022
2022-يىلى ئىچىدە ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2 مىليون 760 مىڭدىن ئاشقان

You May Like