ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 44 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 44 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 44 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 20-ئۆكتەبىر

2022-يىلى 6-سېنتەبىر يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەنگلىيە ئايال باش ۋەزىرى لىز ترۇس (Liz Truss) خانىم 20-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، باش ۋەزىر ترۇسنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئەنگلىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرغان «كىچىك تىپتىكى خامچوت» لايىھىسى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى ئىقتىساد توغرىسىدا قىلغان بەزى ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان، شۇنىڭدەك ئىقتىساد ۋەزىرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. 18-ئۆكتەبىردىكى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سۇئېللا براۋمەن (Suella Braverman) نىڭ ئىستېپا بېرىشى ترۇس ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن.

ترۇس خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « مەن ئىقرار قىلىمەنكى، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مەن سايلام مەزگىلىدە ۋەدە قىلغان مەجبۇرىيەتلىرىمنى ئادا قىلالمايمەن. شۇڭا مەن پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەكچى بولغانلىقىمنى ئېيتتىم…»

باش ۋەزىر ترۇس خانىمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئەنگلىيەدىكى ھوقۇق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىچىدە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. مەزكۇر پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى برادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى باش ۋەزىر 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن سايلىنىپ بولۇنىدىكەن.

لىز ترۇس خانىم مەيلى ئىلگىرى ياكى ۋەزىر بولغاندىن كېيىن بولسۇن،  ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي باش ئەلچىسى داپشاقلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

پە ئۆكتەبىر 20 , 2022
خىتاي باش ئەلچىسى داپشاقلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

You May Like