ئەنگىلىيەلىك يەھۇدى رەھبىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ
21-دېكابىر، ۋاشىنگتون

ئەلجەزىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،57 نەپەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىرلەشمىسى بولغان خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتى بۇرۇن پەلەستىن ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى، كەشمىر ئۈچۈن ھىندىستاننى تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئالىم ئۆمەر سۇلايمان مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي مۇسۇلمان دۇنياسنىڭ نەق گېلىدىن سېقىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالدى، ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەيدۇ.»

ئەنگىلىيە يەھۇدىلارنىڭ باش موللىسى – راببى ئىپخرايىم مىرۋىس مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلماقتا. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى تەھدىت ۋە ۋەھىمىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇلار مېنى تارىختىكى يەھۇدىلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئېغىر ئازابلىرىغا مۇپتىلا قىلدى، مەن ئۆزۈمنى ئۇلار ئۈچۈن سۆزلەش مەجبۇرىيتىم بار دەپ ئويلايمەن.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتايدىن چەتئەل مېدىيالىرىغا :ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش سياسىتى داۋاملىشدۇ، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۋەتتى.

چا دېكابىر 23 , 2020
ختتاي كوممۇنستڭ پارتىيسنىڭ بىر ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغاقاراتقان باستۇرۇش سياسىتىنى يېنىكلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

You May Like