ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ ئىشلەنگەن خىتاي پاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلدى

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) رايونىدىن چىقىدىغان پاختىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلدى. ئادۇۋكاتلار ۋە كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەنگىلىيە خانىشى باج ۋە تاموژنا ئىدارىسىگە سۇنغان 60 بەتلىك ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تەرجىمىدە: تارىم

 

2020-4-22

 

 

 

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) رايونىدىن چىقىدىغان پاختىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلدى. ئادۇۋكاتلار ۋە كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى  ئەنگىلىيە خانىشى باج ۋە تاموژنا ئىدارىسىگە سۇنغان  60 بەتلىك ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە :« شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىكى مەجبۇرىي ئەمگەك رىجىمىنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرى توغرىسىدا كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك پاكىتلار» بار ئىكەن.  بۇ دوكىلاتتا ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلاردىن H&M, IkeaMuji and Uniqlo قاتارلىقلار بار بولۇپ ، ئۇلار شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىن ئىمپورت قىلىنغان پاختا ئىشلەتكەن. خىتاي 2017- يىلى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا مىلىيونلىغان ئ‍ۇيغۇرلارنى سولاپ، ئۇلارنى « قايتا تەربىيەلەش»تىن كىيىن، ئۇلارنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىشى بىلەن ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا بۆلۈپ، 24 سائەت قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىگە قايتىشى چەكلەنمەكتە.

 

پاختا خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىكىسپورت ماللىرىدىن بىرى بولۇپ، خەلقئارا پاختا ئىكىسپورتىنىڭ 20~25 پىرسەنتى خىتايدىن، بۇ پاختىنىڭ 84% قىسمى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىن چېىقىدۇ. مەزكۇر دوكىلاتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارادىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى گۇرۇپ  Global Legal Action Network (GLAN)  بىرلىكتە ئەنگىلىيە تاموژنا ئورگانلىرىغا يازغان خەتتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىلارنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تۈرلۈك قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

Ikea  ۋە H&M باياناتچىلىرى گەرچە ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق پاختا سۈپەت ئورگىنى « سۈپەتلىك پاختا پىلانى» تەستىقلىغان پاختا مەنبەلىرىدىن پاختا ئىمپورت قىلغانلىقى، بۇنىڭ قاتارىدا شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىن كەلتۈرۈلگەن پاختىلار بارلىقى، بىراق ئەگەر « سۈپەتلىك پاختا پىلانى» تەستىقلىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىن پاختا سېتىۋىلىشنى توختىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

Uniqlo  بىلەن ياپونىيە  Muji شىركىتى باياناتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ:« خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق يىزىلغان دوكىلاتلار ۋە ماقالىلەر ئۇلارنىڭ سودىسىغا ئېغىر ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇرۇن بۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقى، بۇندىن كىيىن  خىتاي تەرەپتىن ئوبدان سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن مال زاكاس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

 

منبە: ئ‍ەنگىلىيە مۇستەقىللىق گىزىتى

 

https://www.independent.co.uk/news/uk/home-news/chinese-cotton-uk-government-important-uighur-muslim-labour-a9478501.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خوتەن ۋىلايىتىدە يەسلى يېشىدىكى بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلمەكتە

پە ئاپرېل 23 , 2020
2020- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن تىك توك ۋە ئۈندىدارلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشى توغرىسىدا تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

You May Like