ئەنگىلىيە بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاسىياغا ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇرماقچى

«ۋال كوچىسى گېزىتى» خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورس جونسون پەيشەنبە كۈنى توردا پارلامېنتقا، كېلەر يىلى «ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت»ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىز، ھىندى ئوكيان ۋە شەرقىي ئاسىيادا قاتارلىق رايونلاردا 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئەنگىلىيەنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىمۇ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بۇ جونسوننىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز پىكىرىنى ئېنىق ئىپادىلىشى ئىكەن. بۇ بەلكىم خىتايغا خىتاي – ئەنگىلىيە دېپلومات

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 22- نويابىر

 

«ۋال كوچىسى گېزىتى» خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورس جونسون پەيشەنبە كۈنى توردا پارلامېنتقا، كېلەر يىلى «ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت»ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىز، ھىندى ئوكيان ۋە شەرقىي ئاسىيادا قاتارلىق رايونلاردا 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئەنگىلىيەنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىمۇ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بۇ جونسوننىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز پىكىرىنى ئېنىق ئىپادىلىشى ئىكەن. بۇ بەلكىم خىتايغا خىتاي – ئەنگىلىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىك ئۇچۇرىنى بېرىشى مۇمكىنكەن.

 

جونسون تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما ئەنگىلىيە «ۋاقىت گېزىتى» ئىيۇلدا، ھەربىي گېنېراللارنىڭ «ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى يىراق شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى بېكىتكەنلىكىنى، بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرلىرىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

 

جونسون يەنە دۆلەتلىك تور ئارمىيسى ۋە ئالەم بوشلۇقى قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇچراۋاتقان يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا 2022- يىلى شوتلاندىيەدىن سۈنئىي ھەمراھ ۋە تۇنجى قېتىم راكىتا قويۇپ بېرىدىكەن، لوندون كەلگۈسى 4 يىلدا دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى 1 مىليارد 650 مىليۇن فوندستېرلىڭ (2 مىليارد 190 مىليۇن دوللار) كۆپەيتىدىكەن. ئۇ بۇ 4 يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنىڭ 19 مىليارد فوندستېرلىڭغا يېتى بارىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ چىقىم ھەر قانداق ياۋروپا دۆلىتىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئامېرىكىدىن باشقا ھەر قانداق ش ئا ئە ت ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.» دېدى.

 

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ۋاشىنگتون ھەر قايسى ش ئا ئە ت ئەزا دۆلەتلىرىگە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن بولۇپ، بايدىن پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى جونسوننىڭ پىلانىنىڭ ئاساسلىقى ئەنگىلىيەنىڭ ئورنىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى كۆپەيتىشنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىقتىسادنى قايتا قوزغىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ مۆلچەرلىشىچە مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىش ھەر يىلى 10 مىڭ ئىش ئورنى بەرپا قىلالايدىكەن.

 

مەنبە: فرانسىيە رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پرېزىدېنت ترامپ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيتىنى باشلاشنى تەستقلىدى.

سە نويابىر 24 , 2020
پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سايلانغۇچى جوۋ بايدىنغا ھوقۇق ئۆتكۈزۈش قەدەم باسقۇچلىرىنى باشلاشنى ئېلان قىلدى.

You May Like