ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتىنى تاپتى

ئەنگىلىيە ئادۋوكاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتىنى تاپتى

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 9- فېۋرال

 

«فوربېز» ژۇرنىلىنىڭ 8- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، لوندونغا جايلاشقان ئېسسېكىس (Essex) سوت مەھكىمىسىدىن ئالىسون ماكدونالد (Alison Macdonald QC) قاتارلىق ئاۋوكاتلار ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ خاراكتېرى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتىنى تېپىش توغرىسىدا قانۇنىي پىكىر ئېلان قىلدى. قانۇنىي پىكىر بولسا مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي ھۆكۈمى بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىي ئورنى بولمايدۇ. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قانۇنىي دەۋانىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ قانۇنىي پىكىرىنى يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى ھاۋالە قىلغان.

 

قانۇنىي پىكىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر بولىۋاتقىنىغا ئائىت پاكىتلار بار. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار بىر ئېتنىك گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتى بىلەن قوغدىلىدىغان گۇرۇپپا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىنىڭ 2- ماددىسى ۋە رىم نىزامنامىسىنىڭ 6-ماددىسى). قانۇنىي پىكىرگە ئاساسلانغاندا «مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش غەرىزىنىڭ بارلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ.» پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان جىنايى قىلمىشلار مۇنۇلاردۇر: «تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىش، بۇ دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا يۆتكىۋىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

مەنبە:
https://www.forbes.com/sites/ewelinaochab/2021/02/08/british-lawyers-find-credible-evidence-of-genocide-against-the-uyghurs-in-xinjiang/?sh=195385744b34

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

قازاق ئاتا يۇرت تەشكىلاتى: قازاق لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى!

سە فېۋرال 9 , 2021
قازاق ئاتا يۇرت تەشكىلاتى: قازاق لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى!

You May Like