ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدىكى تۈرك ماھىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى

«ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» دىكى تۈرك ماھىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 22-ئۆكتەبىر

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

«ئامېرىكا كەسپى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» (NBA) دىكى بوستون كېلتىك Boston Celtics كۇلۇبىدا توپ ئوينايدىغان تۈرك ماھىر ئەنەس كانتېرEnes Kanter يېقىندا ئۆزىنىڭ سوتسىيال مېدىئالىرىدا تىبەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا زور قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

 

 

ئەنەس كانتېر نېمىلەرنى دېدى؟

21-ئۆكتەبىر ئەنەس كانتېر ئۆزىنىڭ شەخسى تور ھېساباتىدا تىبەت دىنىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكىنى كىيىپ چىقىپ قىسقا ۋىدىئو ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋىدىئودا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنۇلارنى دېگەن: « مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرۇم شۇكى، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، تىبەت زېمىنى تىبەتلىكلەرگە مەنسۇپ. مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى سۆزلىمەكچىمەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تىبەت خەلقى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىن چەكلەندى، ئەركىن ساياھەت قىلىشتىن چەكلەندى، سىرتتىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاشتىن چەكلەندى، ئۇلار ھەتتا ئەركىن دۇئا تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلەندى. 70يىلدىن ئاشتى تىبەت خەلقىنىڭ راھىبلىرى، مۇناخلىرى، زىيالىيلىرى، يازغۇچىلىرى، شائىرلىرى، روھىي داھىيلىرى، شۇنداقلا مىليونلىغان تىبەت خەلقى تۇتۇلۇپ سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالدى، ئۇ يەرلەردە قىينالدى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلدى….جاللات، دىكتاتور شى جىنپىڭ! مېنىڭ ساڭا ۋە سېنىڭ قولچۇماقچىلىرىڭغا دەيدىغىنىم شۇكى: تىبەتكە ئەركىنلىك! تىبەتكە ئەركىنلىك! تىبەتكە ئەركىنلىك!…» 

خىتاينىڭ ئىنكاسى

كانتېرنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى خىتاي دائىرىلىرىدىن تارتىپ پۇقرالىرىغىچە ھەممىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي تورلىرىدا، تېلىۋىزىيەلىرىدە بوستون كۇلۇبىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىنى قويۇش چەكلەنگەن. 21- ئۆكتەبىر خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىڭ بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كانتېر تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تارتىپ چىقىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقچى، ئۇنىڭ قىلغان يالغانچىلىقلىرىنى نەزەرگە ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ». 

بوستون كۇلۇبىنىڭ خىتايچە مىكروبلوگ ھېساباتىدىكى باياناتىدا مۇنداق يېزىلغان:« رەسىمى ئۇقتۇرۇش: بۈگۈندىن باشلاپ بوستون كېلتىك كۇلۇبىنىڭ باش بېتىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقىتىلمايدۇ. مىكروبلوگ يېڭىلاش توختىتىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىززەت- ھۆرمىتىگە قارشى زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز!». ئىگىلىنىشىچە بىر قانچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن خىتاي تور دۇنياسىدا «بوستون كېلتىك» كۇلۇبىغا شۇنداقلا ئەنەس كانتېرغا قارشى تەنقىدلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ئەنەس كانتېر كىم؟

توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى مەخمەت كانتېر ئىسىملىك تۈرك كىشى ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ شىۋىتسارىيەدىكى دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىشىدىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ ئەنقەرە شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى «گۈلەن ھەرىكىتى» گە قاراشلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇ تۈركىيەدە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ۋاسكېتبول ئويناشقا باشلىغان بولۇپ، 2006-يىلىدىن 2009- يىلىغىچە «فەنەر باغچە» كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2009-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە ئوقۇش ۋە تەنتەربىيە ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ تالانتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە NBA دىكى داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «Utah Jazz»، «Oklahoma City Thunder»، «New York Knicks »، قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان. 2019-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە Boston Celtics كۇلۇبىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.

 

 

توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنەس كانتېر ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئىكەن. ئىلگىرى تۈركىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش توغرىسىدا توردا بەرگەن باياناتى سەۋەبلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان شۇنداقلا 2017-يىلى ئۇنىڭ تۈرك ۋەتەنداشلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنەس كانتېرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

جۈ ئۆكتەبىر 22 , 2021
ئەنەس كانتېرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

You May Like