ئەنەس كانتېرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

ئەنەس كانتېرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 22-ئۆكتەبىر

تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

22-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى تىبەتلەر ئۈچۈن سۆزلەپ خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا بوستون كېلتىك كوماندىسى ۋاسكېتبول ماھىرى ئەنەس كانتېر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرسىدا ۋىدىئولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق، باسقۇنچىلىق، قۇلچىلىق، دىنىي باستۇرۇش، لاگېرلارغا سولاش، دەپسەندىچىلىك ۋە قاتتىق كونترول ئاستىدا ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاينى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا، مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئىمرانخان، سالمانخان، مۇھەممەد بىن زايىد، ئىران قاتارلىقلارنى ساتقىنلىقتا ئەيىبلىدى. 

ئەنەس كانتېرنىڭ تۋىتتېردابەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى تۆەندىكىچە:

 

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، مەن مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە… قىيناش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق قىلىش، ئائىلىلەر پارچىلىنىش، جازا لاگېرلىرى، سىياسىي قايتا ئۆگىنىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلار، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە 1.8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۈستىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ دېگەن رايوندا.

ئۇيغۇرلار تۈركى قەۋمىگە تەۋە مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى تۇتۇپ قاماقلارغا سولاپ يوقاتماقتا، چۈنكى ئۇلار ئۆز دىنىنى ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆز تىلىنى، تارىخىنى ۋە كىملىكىنى قەتئىي قوغداپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن. ئۇيغۇر رايونى ھازىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى، بىر نازارەت رايونىغا ئايلاندى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى بوغۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىدى، سەۋەبى بولسا پەقەتلا ئۇلارنىڭ پاسپورتى بولغانلىقىدەك  خالىغانچە يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ۋە ياكى پەقەتلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا قامالدى. خالىغانچە شۇنداقلا ھەربىر كىشى، مەيلى تەنھەرىكەتچى بولسۇن، دوختۇر بولسۇن، شائىر بولسۇن، زىيالىي بولسۇن، سودىگەر بولسۇن، خەلق رەھبىرى بولسۇن، مەيلى سىز قانداقلا بولماڭ مۇشۇ لاگېرلاردا ئازاپلىنىۋاتىسىز.خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىز ھەر بىرىمىز بۇ جىنايەتلەرنى دۇنياغا تارقىتىشىمىز كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىش ئۈچۈن خىتاب قىلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرى ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ،  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز، ھەدە -سىڭىللىرىمىز ئۆلتۈرۈلىۋاتقان، قىيناشلارغا ئۇچراۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا…

مەن سىلەرنى دەۋاتىمەن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان، سەئۇدى پادىشاھى بېن سالمان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بېن زائىد، ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، خىتاي بىلەن سودا قىلىش ۋە پۇل تېپىشنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن قويۇشۇڭلار نومۇسسىزلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر. سىلەر ئۆزۈڭلارنى مۇسۇلمان دەيسىلەر -يۇ، ئەمما مۇسۇلمانلىقىڭلار پەقەتلا باشقىلارغا ئۆزۈڭلارنى كۆز- كۆز قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر، سىلەر باشقا كىشىلەرگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر، شۇڭا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى كىشىلەر ھازىرغىچە تېخى سۈكۈتتە. 

مۇھەممەت سالاھ (مىسىرلىق داڭلىق پۇتبول چولپىنى.ت)، نېمىشقا جىم تۇرىسىز؟ كېرىم ئابدۇلجاپپار(ئامېرىكىلىق  مۇسۇلمان ۋاسكېتبول چولپىنى.ت )، ئامىرخان (ھىندىستانلىق مۇسۇلمان كىنو چولپىنى.ت)…سۆزلەڭ! ھېچبولمىسا بىر ئىش قىلىڭ! سىزنىڭ سۈكۈتىڭىز گۇناھقا شېرىك بولغىنىڭىزدۇر. دۇنيادىكى باشقا بارلىق كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، دۇنياغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى تارقىتىڭلار! بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ئەڭ ۋەھشىي ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈڭلار!

دىكتاتور  خىتاي ! شى جىنپىڭ! شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستلىرى! سىلەرگە مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا خىتاب قىلىمەن، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنى تاقا! ئۇيغۇر خەلقىنى ئازادلىققا چىقار! ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

توردا جامائەت ئالدىدا ئۇيغۇر تىلىدا سەت گەپ قىلىۋاتقانلارغا

جۈ ئۆكتەبىر 22 , 2021
يېقىدىن بىرى توردا ئەۋج ئالغان ھاقارەت ۋە سەت تىللار بىلەن جىدەللىششكە قارشى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندىنىڭ ئويلىغانلىرى

You May Like