ئېلون ماسك: ئۇكرائىنا قىرىمدىن ۋاز كېچىشى شۇنداقلا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك

ئېلون ماسك: ئۇكرائىنا قىرىمدىن ۋاز كېچىشى شۇنداقلا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك

 ئېلون ماسك: ئۇكرائىنا قىرىمدىن ۋاز كېچىشى شۇنداقلا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر

تېسلا شىركىتى لېدىرى ئېلون ماسك 3-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى تۋېتتىرېدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ تەۋسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەپ يازغان: « ئۇكرائىنا-رۇسىيە تىنچلىقى ئۈچۈن: ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا بۇ رايونلاردا (رۇسىيە يۇتۇۋالغان تۆت رايوننى دېمەكچى) قايتىدىن رېفىرېندۇم ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، ئەگەر خەلقنىڭ رايى شۇنداق بولسا رۇسىيە رۇسىيە بۇ رايونلاردىن چېكىنىشى كېرەك؛ قىرىم ئارىلى رەسمىي يوسۇندا رۇسىيەنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قوشۇلۇشى كېرەك؛ 1783-يىلىدىن بۇيان مۇشۇنداق ئىدى(خرۇشوف خاتالىق ئۆتكۈزگەنگە قەدەر). قىرىمنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەت بېرىلىشى كېرەك؛ ئۇكرائىنا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك؛»

ئېلون ماسكنىڭ بۇ تەۋسىيەسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق تىۋىتتېر ئابونتلىرى مەزكۇر تەۋسىيەگە قارىتا بېلەت تاشلىغان. «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە بۈگۈنگە قەدەر 60 پىرسەنتتىن يۇقىرى تورداش ئېلون ماسكنىڭ بۇ تەۋسىيەسىگە قارشى پىكىردە بولغان. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: « سىز زادى قايسى ماسكنى ياقتۇرىسىز؟ رۇسىيەنى قوللىغۇچى ماسكنىمۇ ياكى ئۇكرائىنانى قوللىغۇچى ماسكنىمۇ؟». لىتۋانىيە پرېزىدېنتى Gitanas Nauseda تىۋىتتېردا مۇنداق دېگەن: « سۆيۈملۈك ئېلون ماسك، ئەگەر بىرى تېسلا ماشىنىسىنىڭ چاقىنى ئوغرىلاپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇ ئوغرىنىڭ ماشىنىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. گەرچە ئۇلار بۇ ھەقتە بېلەت تاشلىدۇق دەپ جاكارلىغان تەقدىردىمۇ.»

ئۇكرائىنانىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى Andrij Melnyk ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردا قىسقا قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: « مەن ئۇنىڭغا پەقەت «دىپلوماتىك جاۋاب» بېرەلەيمەن : يوقال!»  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچنى ئورتاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى

سە ئۆكتەبىر 4 , 2022
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچنى ئورتاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى

You May Like