ئېلىپبەنىڭ ئېنىرگىيەسى

مەن دۇنيادىن يامانلاپ قالدىم ،
نېمىشقا بېشىمغا نوقۇيسەن؟
نوقۇغاچ ئەپسۇن ئوقۇيسەن؟
(باش نوقۇشنى ئۇيغۇرلار يامان ئالىدۇ.)

ئاپتورى: ئابدۇلئەھەت مۇھەممەت (توققۇستارا)
2012 –يىلى 26-يانىۋار سەھەر

 

مەن دۇنيادىن يامانلاپ قالدىم ، 
نېمىشقا بېشىمغا نوقۇيسەن؟
نوقۇغاچ ئەپسۇن ئوقۇيسەن؟
(باش نوقۇشنى ئۇيغۇرلار يامان ئالىدۇ.)

ئىلىپەرىڭ بىلەن تەھدىت سالما،
ئاتا-بوۋامنىڭ داڭگال تىلى بار .
ئېشەك بىلەن كېتىۋىرىمەن مەنزىلگە،
ئېتىقادىمنىڭ خېلى يېلى بار.

 

ئىككى قۇلىقىڭدىن تۇتۇپ سىلكىيمەن،
بوۋامنىڭ بېشىنى نوقىدىڭ كەتتى!
(جەسىدىنى چوقىدىڭ كەتتى.)
مەن بىر سىقىم ئاقمايدىغان سۇ،
ئېقىپ كېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم.
يىلتىزىمنى توقىدىڭ كەتتى.

 

ھەرپلەرنىڭ قۇيرىقىغا ئوت قويدۇم،
بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغان قىلىمەن.
ئۇيغۇرچە تىلدىن ئىشتان كىيەمسەن؟
دۇنيا شۇنچىلىك ئارمان قىلىمەن.
مىللەت ماركىسىنىڭ تىل ئىكەنلىگىنى 
غۇرۇر نۇقتىسىدىن ئوبدان بىلىمەن.

 

خەقنىڭ ماركىسىدا ياشاۋاتىمىز !!!
ئەنئەنىنى تاشلاۋاتىمىز.
تىل ئىچىدە قەلەندەر بولۇپ،
ئەۋلاد كۆزلىرىنى ياشلاۋاتىمىز!!!

 

ئۇيغۇر تىلىدىن ئىسسىق ئۆتمىدى،
ئاپتىپىمدا مۇزلاۋاتىمەن  دىر، دىر …
بىر شەھەرنىڭ بۇلۇڭىدا مەن،
رىئاللىق كۈلىۋاتىدۇ خىر… خىر..
شەھەرنى مايلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن،
ئاخرىدا جايلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
يەكچەشمە  ۋاقىت ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ 
تۇياقلىرىم ئارىسىدىن ، شىر، شىر…

 

مامىكاپ بولۇپ ئۇچۇپ كېتىمەن،
دىل خانەڭدە تۇرمايمەن ئەمدى.
شىۋىرغاندا قېلىپ باق يالغۇز،
ھېچنىمەڭنى بىلمەيمەن ئەمدى.

 

مۇھاببەتنى يۇغۇرۇپ تۇرۇپ،
چاپلاپ بېرەي  تونۇرۇڭغا بىر.
ئېتىقادىڭ تۇتۇقكەن ئەسلى،
كۆزۈڭ قارغۇ، بۇرنىڭدا كىر.

 

32  قېتىم تۇغۇلدۇم،
32  قېتىم كۈلىمەن.
32  قۇشقىچىم ئۈچۈن،
32  قېتىم ئۆلىمەن.

 

ئالايغانغا كۈلۈمسىرەيمەن ،
ئەڭ چىرايلىق ئۆلۈم تىلەيمەن .
ئەڭ ئاخىرقى «ئا» ھەرپىنى دەپ،
تىلىم بىلەن خەنجەر بىلەيمەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پېلوسى:ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 2 قانۇن لايىھىسى قاراپ چىقىلىدۇ

شە سېنتەبىر 19 , 2020
ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسىي پېلوسى جۈمە (18- سىنتەبىر) كۈنى مۇنداق دېدى: پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىدۇ

You May Like