ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تەقدىرى خەلقئارا ئاخباراتتا كەڭرى يەر ئالدى.

باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 2016- يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەدىسى ئادۋۇكات رەيھان ئەسئەت ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى كەڭ تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي مېدىيالار ئارقىلىق ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن ئ‍ىدى. نۆۋەتتە خارۋات ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار رەيھانغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەكبەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. رەيھان ئەسئ‍ەتنىڭ ئ‍نىسىنى ئىزدەش ھەرىكىتى تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، تۋىتتېردىمۇ زور تەسرلەرنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇرىئان
3- يانۋار، ۋاشنگىتون

ئەكبەر 2016- يىلى ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق زىيارەت پروگىراممسىغا ئاساسەن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن قامالغان ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئەنگىلىيە مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 70 دىن ئ‍ارتۇق خارۋارد ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە خەت ئىمزالاپ، ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىكىدىن ئەكبەر ئەسئەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
تۋىتتېردا ئەكبەرگە ئەركىنلىك ھەرىكىتى (FreeEkber#) باشلانغىلى 19 كۈن بولغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى، پائالىيەتچىلەر ئاكتىپ قاتناشقان. بۇ ھەرىكەت داۋاملىق ھەر قايسى كىشلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بىتكوين500 مىڭ دوللارغا ئۆرلەمدۇ؟

دۈ يانۋار 4 , 2021
كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە بىتكويننىڭ باھاسى 100 مىڭ دوللاردىن 200 مىڭ دوللارغا ئۆسۇش ئىھتىماللىقى زور دەپ قارىلۋاتىدۇ . ھازىر بىتكوين بۇقا بازىرى دەۋرىدە تۇرماقتا

You May Like