ئەگەر سىزدە بۇ ئالتە خىل ئىپادە بولسا، ئۆزىڭىزنى پەقەتلا سۆيمەيدىكەنسىز

ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى سۆيىدىغان بولامدۇ؟ جاۋابى ئېنىقكى، ئۇنداق بولمايدۇ، بۇ دۇنيادا ئۆزىنى قوبۇل قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنى ئۆچ كۆرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس

ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى سۆيىدىغان بولامدۇ؟ جاۋابى ئېنىقكى، ئۇنداق بولمايدۇ، بۇ دۇنيادا ئۆزىنى قوبۇل قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنى ئۆچ كۆرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ھالبۇكى بەزى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرمۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان سۆيگۈمىزنى يوقىتىۋېتەلەيدۇ. سىز راستىنلا ئۆزىڭىزنى سۆيەمسىز؟ پىسخىكىلىق نۇقتىدا تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى بۇ ئالتە خىل ئىپادە بولسا، ئۇنداقتا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزىڭىزنى ھەرگىزمۇ سۆيمەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. 1. باشقىلارنىڭ (سىزنى) ئېتىراپ قىلىشىنى ئىستەيسىز. پىسخىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، بىر ئادەم ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، يەنى ئۆزىنى تونۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ تونۇشى. ئۆزىنى تونۇش كەمچىل بولغاندا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئىستەيدۇ. سىز باشقىلارغا قانچە بېقىنغاندا، ئۆزىڭىزنى شۇنچە سۆيمەيدىغان بولىسىز. 2. ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇرىسىز. بۇ يەردە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغىنى، ھېسسىيات بىلەن كەيپىيات ئوخشىمايدۇ، كەيپىياتىنى يوشۇرۇش ئىنتايىن نورمال بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىگەللەشكە تېگىشلىك تېخنىكىدۇر. لېكىن ھېسسىياتىنى يوشۇرۇش ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر. سىزدە مەلۇم ياخشى بولمىغان ھېسسىيات شەكىللەنگەندە، بەلكىم سىز بۇلارنى قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىسىز ياكى شەكىللەنگەن شۇ ھېسسىياتىڭىزنى قەلبىڭىزگە كۆمۈۋېتىسىز. ھالبۇكى، ئەڭ تراگىدىيەلىك بولغىنى شۇكى، بىز ئازابىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشنى تاللىغاندا، گۈزەل ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكرىگە، تەسىراتىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزغا قۇلاق سالغاندىلا، تېخىمۇ چىنلىققا ئېرىشەلەيمىز، بۇمۇ ھەم پىسخىكىلىق ساپانى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى چارىدۇر. 3. ئۆزىڭىزنى ئەڭ كېيىنكى ئورۇنغا قويىسىز. باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۆزىمىزگىمۇ شادلىق ۋە قانائەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ، لېكىن شەخسىيەتچىلىكنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بار. بىز ۋاقتىمىز، زېھنىمىز ۋە ئاقكۆڭۈللىكىمىزنى ئاتا قىلىشقا بېرىلىپ كەتكەندە، ئۆزىمىزنى يارىلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىمىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى شەكىلدۇر. 4. ئۆزىڭىزگە شەپقەتسىزلىك قىلىسىز. ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك قىلىدىغانلار پەقەت مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان بولۇپلا قالماي، بۇنىڭغا يەنە بىر خىل كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. چۈنكى مۇكەممەل بولمىغان ئۆزىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، شەپقەتسىز ۋاسىتىنى قوللىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق يامان ئەھۋال يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۆزىنى تونۇش بىلەن كەمتەرلىك تەڭ بولۇشى كېرەك. ھەممىمىز خاتالىق ئۆتكۈزىمىز، بۇ ناھايىتى نورمال، مۇكەممەل بولماسلىق ئەزەلدىنلا بىزنىڭ بىر قىسمىمىز، بۇنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. 5. ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاسىتە سېزىمىڭىزغا ئىشەنمەيسىز. بىۋاسىتە سېزىم بولسا بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسىدۇر. بۇ ھەممىلا ئادەم ئىگەللىگەن بىر خىل قابىلىيەت بولۇپ، يەنە بىزدە كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسىمدۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىۋاسىتە سېزىمنى ئىنكار قىلىشمۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. 6. ئازابلارنى سەزمەس بولۇپ قالدىڭىز. ئازابنىڭ بارلىق مەقسىتى روھنى ئويغىتىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئازابنىڭ يەنە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەگەر سىز ئازابلارنى سەزمەس بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ماھىيەتتە ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتكەن ھېسابلىنىسىز. پايدىنى كۆزلەپ، زىياندىن قېچىش ئادەملەرنىڭ تۇغما قابىلىيىتىدۇر، پەقەت ئۆزىنى سۆيمەيدىغانلارلا بۇ خىل قابىلىيەتتىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ. خۇلاسە: يۇقىرىدىكى ئالتە خىل قىلمىش ئۆزىنى سۆيمەسلىكنى، ئۆزىنى قوبۇل قىلالماسلىقنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، سىزدە قانچىسى كۆرۈلدى؟ ئەلۋەتتە، بۇ قىلمىشلار پىسخىكىغا زىيانلىق بولۇپ، ئەگەر سىز بۇلارنىڭ زىيانلىقىنى ھېس قىلالىغان بولسىڭىز، ئۆز قىلمىشىڭىزغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىڭ. نېمىلا بولمىسۇن، ئۆزىنى سۆيۈش گۈزەل ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۆزىڭىزنى پاكىز دەپ قارامسىز؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
ماتېرىيال سۈرەت     سىز ئۆزىڭىزنى پاكىز دەپ قارامسىز؟ ياستۇق قېپىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئالماشتۇرىسىز؟ گىرىم چوتكىڭىزنىچۇ؟ كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تازىلايسىز؟ تۆۋەندە ئەنگلىيە تازىلىق مۇتەخەسسىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى، چوقۇم ھەيران قالىسىز. ماتېرىيال سۈرەت     ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەرگەن: گىرىم چوتكىسىنى مەخسۇس يۇيۇش […]

You May Like