ئېچىلمىغان سىرلار – ئۇيغۇر سەبىيلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە خىتاينىڭ مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى

ئېچىلمىغان سىرلار – ئۇيغۇر سەبىيلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە خىتاينىڭ مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى

 

 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست

شەرقى تۈركىستاندا 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ غايىب بولۇشى ۋە ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى. بىر قىسمى ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىپ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلمىشلىرىغا سېلىندى. بىر قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ سىچۈەن،شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بېقىش ئىستىكى يۇقىرى ئائىلىلەرگە سېتىپ بېرىلدى.

بۇ يەردە  ئەسلى ئىشنىڭ ماھىيىتى بولسا يۇقىرىدا دېيىلگەننىڭ بىرىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە چۈشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتسىز، قالاق، ئارقىدا قالغان، ئوغرى، يانچۇقچى قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي خەلقى ئىچىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ھەقلىق چىقىرىشقا سورۇن ھازىرلاش ئىدى. 

ئىككىنچىسى بولسا بۇمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلنەزەر، دىلرەبا قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر سەتەڭلىرىنى سەھنىگە چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىكى، چىرايلىقلىقى، ئەقىلىقلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى تەشۋىق قىلىپ بىر تەرەپتىن خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىش، بېقىۋېلىش قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە شەكلىگە ئىستىخىيىلىك يېتەكلىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى خىتاي مېدىيالىرى بىر مەزگىل ئۇيغۇر قىزلىرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تېلېۋىزور قاناللىرىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلدى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى كۆرسىتىپ پەرزەنتسىز خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بېقىۋېلىش ھەققىدە ئوچۇق تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. خىتايلارغا بېرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىنى تەشۋىق قىلىپ ئوچۇق –ئاشكارا ئاسسىمىلاتسىيەنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.

بۇ ھەقتە 1993-يىلىدىن تا چەتئەلگە يېنىپ چىققۇچە بولغان جەرياندا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىجارەت، ياكى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن قالغاندىمۇ ماڭا ئۇچرىغىنى ئوخشاش مەنزىرە، ئوخشاش مۇئامىلە ئىدى.

1990 –يىللاردىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ھەر –ھالدا ياتاق بەرمەسلىك، «ئوغرى يانچۇقچى،مەينەت كاۋاپچى» مۇئامىلىسىنى قىلىش مەسىلىسى ھازىرقىغا ئوخشاش ئېغىر مەسىلە ئەمەس ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشلامچى بولۇپ، بىرىنچى قەدەمدە ئاتۇشلۇقلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تىجارەت قىلىشقا باشلىدى. ئارقىدىن بىر قىسىم ئوغرى، يانچۇقچى ،داشقال ئىنسانلارمۇ بۇنى بىر پۇرسەت بىلىپ ھەر شەھەردە ئاشخانا، كاۋاپخانا ئېچىش نامىدا ئۆزى بىلەن بىر قىسىم ياشلارنى ئېلىپ كىرىپ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلمىشلىرىنى باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا كۆپلەپ ھەر شەھەردە تىجارەت قىلىشى، ۋە چەتئەللەرگە زاۋۇتلاردىن بىۋاسىتە ماللارنى ماڭدۇرۇشى، بىر قىسىم داشقاللارنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ قوشۇن سۆرەپ يۈرۈشى خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر قاچۇرغۇسىز پۇرسەتلەر ئىدى. ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلقىگە قانداق قىلىپ يامان كۆرسىتىشنى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتا ھەقلىق چىقىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى بىر قىسىم ئۆزىگە ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى ھەر شەھەرلەردە ئاشخانا ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا باشلىدى. ھەر چوڭ شەھەرگە بىر ئىككىدىن ئۇيغۇر ساقچى قويۇپ ئۇلار ئارقىلىق ئۇ يەرگە توپلانغان ئۇيغۇرلارنى  ئىستىخىيىلىك ھالدا ئوغرىلىق شايكىلىرى بولۇپ ئۇيۇشۇشقا، ۋە ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، ئەركىن قويۇپ بەردى.

ئوغرىلىق شايكىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ يېزا –قىشلاقلاردىن ئۆسمۈرلەرنى ئالداپ ئاپىرىپ خىتاي شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا يانچۇقچىلىق قىلدۇرۇشىغا كۆزىنى يۇمدى، بۇ ئىشىكتىن تۇتسا ئۇ ئىشىكتىن قويۇپ بەردى. بۇ بىر تۈركۈم ئىنسانلار سايىسىدە ئۇيغۇرلار خىتاي خەلقىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇيغۇر دېسە ياڭرۇچۈەر»كاۋاپچى»، ئوغرى بولۇپ تونۇلدى. ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ئۇزۇن داۋام قىلىشنى توغرا كۆرمىدىم، ئەسلى تېما 1995-2005 غىچە ئون يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ قېچىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانى 13000 مىڭدىن جىق بولۇپ، بۇ ساننى ئۆز ۋاقتىدا 2014 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ باش كاتىپى، ۋە شەرقى تۈركىستانغا تۇنجى تۈركۈمدە جاللات ۋاڭجېنىغا كاتىپ بولۇپ كەلگەن چېن يىگۇاڭ ئىسىملىك بىرى سۆزلىگەن نۇتقىدا شۇنداق دېگەن ئىدى.

2000 –يىللاردىن كېيىن شەرقى تۈركىستاندا بۇ خىلدىكى بالىلارنى ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنىڭ باش رولچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىر چەتئەلدە، بىر قىسمى 2000- يىلىدىن باشلاپ تۈرمىگە سولاندى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر قىممىتىنىڭ قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. 

مەسىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېزىز چاڭگا 6 ئۆسمۈرنى ئۆلتۈرۈپ دەرياغا تاشلىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ئالداپ ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالغانلىقى، ئېلىپ ساتقانلىقى، قىزلارغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولاندى. قىزىق يېرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاتالمىش ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى مەمۇرلىرىدىن ج خ نازارىتىنىڭ ساقچىلىرىغىچە بۇ ئوغرى ئۈرۈمچىگە كەلسە ئېزىزجان كەپتۇ دەپ ئالدىغا چىقاتتى. ھەتتا قايسى بىر ساقچى ئىدارىسى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەلۇمات لازىم بولسا ئۇلاردىن ئالاتتى.  بۇنىڭ ئايالىنىڭ مارالبېشىلىق «لوبەن» لەقەملىك ئاكىسى بولسا تۈركىيەگە يەرلەشتى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھاجىم بولۇپ يۈرمەكتە. بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان سوتىدا ھەتتا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ بۆرىكىنى ساتقانلىق ھەققىدە ئىسپاتىمۇ بولۇپ خىتاي بۇلارنى بىر تەرەپتىن ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ ئاخىرى قىممىتى قالمىغاندا تۈرمىلەرگە سولىدى. ھەتتا ئېزىزنىڭ ۋە باشقا بىر قانچە كىشىنىڭ سوتىدا تايلاند، مالايسىيا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چەتئەلگە قېچىشقا يېتەكلەشكە ئائىت مەزمۇنلارمۇ بار بولۇپ بۇ ئىنسانلارنىڭ شۇ ئويۇنلاردىكى پارچە ئىكەنلىكىمۇ ئاشكارا سىر بولۇپ قالدى. 

2012 –يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم ياشلار ئىچىدە بۇ ئۆسمۈرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش پائالىيىتى تەشكىللەندى. خەلق ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ساداسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئاۋاز قوشۇشقا باشلىدى. 

ئۈمىد قۇرۇلۇشى، پىدائىيلار قوشۇنى نامىدا ياشلار بۇ ئۆسمۈرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە قايتۇرۇپ كېلىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇشقا باشلىدى. 2013 – يىلى خاڭجۇ، تيەنجىن، گۇاڭجۇ، بېيجىڭدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىدائىي بولۇپ كوچىلاردا ئۇچرىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ يانچۇقچىلىققا سېلىنغان، ھەتتا خىتايلار تەرىپىدىن مېيىپ قىلىنىپ تىلەمچىلىككە سېلىنغان، ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ 300 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى، ياكى ئادرېسى، قايسى شەھەردە ئىكەنلىكى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلۈپ قايتۇرۇپ كېلىندى. ئەڭ داغدۇغا قوزغاپ خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرىۋەتكەن ۋەقەدىن بىرى پىدائىيلارنىڭ سىچۈەننىڭ بىر يېزىسىدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، كىملىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ئون نەچچە ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھېكايىسى ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۈندىدار توپلىرىدا تارقىلىشىنى چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمىلىق بىر ئوقۇغۇچىنى قۇتراتقۇلۇق قىلدى دېگەن نام بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلدى ۋە مەكتەپتىن ھەيدىدى. بۇ ئوقۇغۇچى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2014 –يىلى خاڭجۇدا كۆرۈشكەندە، ئۇ خاڭجۇدا بىر سىرچىلىق شىركىتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ بۇرۇنقى ۋەقە سەۋەبلىك داۋاملىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىش يېرىدىن چىقىرىۋېتىشكە بېسىم قىلغان بولسىمۇ،ئىنگلىزچە، رۇسچە  سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن ئىش ئورنىدىن كېپىل بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

 ئىش بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقى، ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا، چەمبىرەكلەردە تارقالغان  كۈچلۈك داغدۇغا ئالدىدا بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا باشلىدى. ھۆكۈمەت بۇ ئىشلارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، توپلۇم ئىچىدىكى  بۇ خىل پائالىيەتنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ يەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالغان بىر ئىش ئەسلى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بەك كىچىك ئاتا –ئانىسىدىن ئايرىلغاچقا ئۆز ئائىلىسى، ئاتا –ئانىسى ھەققىدە ھېچبىر خاتىرىسى يوق ۋە كىملىكىنى بىلەلمىگەن ئەھۋالدا ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەندىن كېيىن بالىلار كەنتىگە ئاپىرىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يەردىن يەنە خىتاي ئائىلىلەرگە بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلگەن ئىدى. ۋە بۇنى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ بىلىپ قېلىشى تورلاردا تارقىلىپ كېتىشى ھۆكۈمەتنى ساراسىمىگە سالغان ئىدى. 
 
بۇ ھەقتە ** ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن كاتىپ  *** ئىسىملىك قىز مېنىڭ ئىشخانامغا كېلىپ بۇ ھەقتە ياردەم سورىغانغا قەدەر بەزى تەپسىلاتلاردىن خەۋىرىم يوق ئىدى، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىچكىرىدە بالا ئىزدەش ئىشىغا ياردەم قىلغان ئىدىم. ۋە ياندۇرۇپ چىقىلغان بالىلارنىڭ كىيىمى، ياتىقى، ئائىلىسىگىچە بولغان بېلەت چىقىملىرىنى ساقچىلار بۇ ئىشنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئارىلىققىچە بىز چىقارغان ئىدۇق. 

2014 – يىلى بۇ سەۋەب بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىنغا ئازات سۇلتان، يۈسۈپجان ئىسلامى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىر، يۇقىرى سوتنىڭ باش كاتىپى چېن يىگۇاڭ، ج خ نازارىتىدىن قۇربان روزى، تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئەنۋەر، ئاياللار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتتىن بىر كىشى، يەكەن ناھىيەسىدىن بىر كىشى، كۇچا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى قېرىنداشلار ساخاۋەت فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇربىيە، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان بەزى كارخانىچىلار بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىن ئاساسلىقى  بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى پائالىيەت جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغاچقا بۇ پائالىيەتنىڭ خاراكتېرىنى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى دېگەن شەكىلگە ئېلىپ كېلىش ۋە ئەسلى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە قورققاق سېلىش يىغىنى ئىدى. 

يىغىنغا چېن يىگۇاڭ نازارەتچىلىك قىلدى،شەھەرلىك سوتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ھاجى خاتىرىلىگۈچى بولدى(كېيىن 15 يىللىق كېسىۋېتىلدى)، مىجىت ناسىر كارخانىچىلارغا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان ئىلغار ئورۇن دېگەن لەۋھەنى تارقاتتى. بۇ يىغىندا 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە ئۇزۇن سۆزلىگەن چېن يىگۇاڭ نۇتقىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان ئىدى :

«بىز شىنجاڭغا يېڭى كىرگەندە ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇغان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئاز بولۇشى، مائارىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەر مىللەتتىن ئوقۇغان كىشىلەرگە ئېھتىياجىمىز بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆز ۋاقتىدا مەسئۇد سابىرى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم پانتۈركىست ئىدىيەسىدىكى كىشىلەرنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى  ئىشلىتىشكە، ھۆكۈمەت قورۇلۇشى ۋە مائارىپ ساھەسىدە بۇلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىدۇق. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا مۇقىمسىز ۋەزىيەتتە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەر ساھەدە كۆرۈنۈشىگە ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. بۇ سەۋەب بىلەن مائارىپ ساھەسىدە ھاجى ياقۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، سىدىقھاجى قاتارلىق  بىر قىسىم ئىنسانلارنىمۇ ئىشلەتكەن. 
ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئۆمەروپقا ،ئوخشاش خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىمۇ يەر ئالغان. تاشقى تەرەپتىن سوۋېتلەرنىڭ، ئىچكى قىسىمدا بۇ ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئېغىر بولغاچقا ھەر ساھەدە سىڭىپ كىرىشىگە، ۋە بىر قىسىم كىتاپلارنىڭمۇ نەشر قىلىنىشىغا كۆز يۇمدۇق ياكى بىلىپ يول قويدۇق. ھازىر بىز كۈچلۈك بىر دۆلەت، ئەمدى بۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمىز بۇلارنى تازىلاش، تەسىرىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش بولىدۇ!» 

 ئۇ يەنە 2009 -5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى مىسال ئېلىپ: » بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلدى ۋە جازالاندۇرۇلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى مائارىپ ساھەسىدە بىز سەھنىنى بۇلارغا تاشلاپ قويغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى»  دېگەن ئىدى. ئەسلى بۇ خىتاينىڭ  بۇ سۆزى ھازىرقى مائارىپ ساھەسىدىكى زىيالىيلارغا قىلىنغان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىن بېرىلگەن بېشارىتى دېيىشكە بولىدۇ.
 
2012- يىلىدىن باشلاپ 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ۋە خەلق ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نامىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى نامىدا ئارقا –ئارقىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلدى. بۇلار زىيالىيلار قاتلىمى، تىجارەتچىلەر، كارخانىچىلار ساھەسى بولۇپ ھەر ساھەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. سۆھبەتلىشىش نامىدا گۇرۇپپا –گۇرۇپپا بولۇپ كۆرۈشۈشلەر بولدى. ھەتتا ئىلھام توختىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەنمۇ ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى. زىيالىيلار قاتلىمىدىكىلەر، دىنى زاتلار بىلەنمۇ ئايرىم –ئايرىم كۆرۈشۈشلەردە بولدى. دىنى زاتلار بىلەن سۆھبەتكە ئادىل ھاجى كەلگەن ئىدى. 

 بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىچى قىسىم ئىچىدە بىر قېتىملىق سۆھبەتكە شەھەرلىك سودا –سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىدىن بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چاقىرتىلدىم. بۇ سۆھبەتتە ئارمان شىركىتىدىن، ئابلاجان نانلىرى، ماي گۈلى رېستورانى، شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسىدىن، ۋە باشقا ساھەدىن بولۇپ يىگىرمىدىن جىق كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن كۇئىنلۇن مېھمانخانىسى ئىچىدە بولدى. يىغىندا ئاساسلىق تېما خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى، تەرەققىيات دېگەندەك ئاقماس گەپلەر بولۇپ ،ئەسلى تېما ئۇيغۇرلار نېمە ئويلايدۇ؟ نېمە قىلماقچى؟ خەلقنىڭ پىكىرى نېمە؟ دېگەن تېمىلاردا ئەركىن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز، بۇ يەردە دېيىلگەن ھېچبىر گەپ قانۇنغا تاقاشمايدۇ، نېمە ئويلىساڭلار شۇنى دەڭلار،خەلقنىڭ ئىچىدىكىنى دەڭلار دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. يەنى ئېچىلىپ –سايراش دېگەن ئىدى. يىغىندا ئاساسلىقى مەركەز تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە يەرلىك ھەر ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتتىن يۇقىرى سوتنىڭ باش كاتىپى چېن يىگۇاڭ، ۋە بىر قانچە كىشى قاتناشقان ئىدى. يىغىندا «ھەر قانداق تېمىدا ئەركىن پىكىر قىلسا بولىدۇ، قانۇنغا سېلىنمايدۇ، ئەركىن سۆھبەت ،خەلقنىڭ ئويى نېمە؟ – شۇ ھەقتە پاراڭلىشىمىز» دېيىلگەن ئىدى. ۋە بۇ يىغىندا خىتاي مىللەتچىسى ما داجېڭ ،ۋاڭ داخاۋلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئۈچكە بۆلۈش نەزەرىيەسىنى بازارغا سالغان ئاساستا، بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىمىز ھەققىدە سۆھبەت بولدى، بۇ بىر قورقۇنچلۇق تېما ئىدى. بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققان كىشى مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى تەتقىقات مەركىزىدىن بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ بۇ پىكىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ رادىكال تەرەپكە ئېغىشىغا ۋە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇشىدىن ھازىرغىچە تەرەققىياتىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر رېئاللىققا يۈزلىنەلمەسلىكى ھەققىدە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
 
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن كەلگەن بىرەيلەن 5- ئىيۇل كۈنىدىكى ۋەقەنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىنى، ئەسلىدە ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا خەلق مەيدانىدىكى نامايىشچىلارنى ئاپتوۋۇزغا قاچىلاپ مەكتەپلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش، تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىش ئىمكانىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئەكسىچە ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي چوڭايتىۋەتكەنلىكىنى، خەلقنىڭ بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بەزى نەتىجىلەردىن تەجرىبە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىرەيلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلەرگە بېرىلگەن پۇرسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئادىل بولمىغان سىياسەتنىڭ يەرلىكنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ مارالبېشىدىكى شور كۆل سۇ ئامبىرى ۋە ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنى مىسال ئېلىپ، پۈتۈن قەشقەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى تەمىنلەيدىغان شور كۆل سۇ ئامبىرىنىڭ يەرلىكتىن بىڭتۇەنگە ئېلىپ بېرىلگەنلىكىنى، ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيىنىڭ زەيكەش سۈيىدىن يىغىلغان سۇ بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىكنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ ئىشلىتىشكە ئىمكانسىز سۇ ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇنداق تەڭشەشلەردىن مەركەزنىڭ خەۋىرى بار يوقلۇقى ھەققىدە سورىدى.

كارخانىچىلار ساھەسىدىن بىر –نەچچە كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يەكلىنىدىغانلىقىنى، ياتاق ئالالمايدىغانلىقىنى،ھەتتا بەزى يەرلەردە تاكسىغىمۇ ئالمايدىغانلىقىنى ، ھەتتا ياتاقلاردا ساقچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە پىكىرىنى ئېيتتى. 

ئاخىرىدا ساياھەت ئىدارىسىدىن كەلگەن زەپەر ئىسىملىك كىشى يەرلىكتە ئىجرا قىلىنغان  سېستىمنىڭ ئادىل بولماسلىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقلىقلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشەنچى قالمىغانلىقىنى يۈزدە توقسان پىرسەن ئۇيغۇرنىڭ ئەگەر قولىدىن كەلسە  ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە ئاۋازغا قويسا چوقۇم بۇ نەتىجىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قايتا تەڭشىشى، ۋە باراۋەرلىكنىڭ بىر تەرەپلىمە بولماسلىقى، يەرلىكنىمۇ ئوخشاش قوللاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشلا  مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ دېگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە بۇ يىغىنغا يىگىرمىگە يېقىن ھەر ساھەدىن ۋەكىل قاتناشقان بولسىمۇ پەقەت بۇ ئۈچ كىشىلا دادىللىق بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىدى دېيىشكە بولاتتى. قالغانلار ھەتتا بۇ ئۈچ كىشىنىڭ پىكىرىدىن قورقۇپ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىن ساق چىقىشقىمۇ كۆزى يەتمىگەن ئىدى.
بۇ ئۆز ۋاقتىدا  ئۈرۈمچىدە  خىتاينىڭ مەركەزدىن ئەۋەتكەن تەكشۈرگۈچىلىرى بىلەن بولۇنغان سۆھبەت بولۇپ بەلكىم بۇ سۆھبەتتىكى شۇ قورقماس ئىنسانلار ھېلىمۇ ساق –سالامەتتۇر. بۇ ئۆمەكنىڭ جىقى چىڭخۇا، فۇدەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسەت ئانالىزچىلىرى ئىدى.

شۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن ئىزچىل ھەر خىل يىغىنلارغا چاقىرىلىدىغان ۋە زاۋۇت –شىركەت ،ھەممە يەردە نازارەت قىلىنىدىغان بىر  ئەھۋالغا چۈشتۈم.

2016  –يىلىنىڭ بېشىدا خەلقئارا بازارنىڭ تىياتىر سالونىدا قېرىنداشلار ساخاۋەت فوندىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى بولدى. مۇراسىمدىن كېيىن تاماق تارتىلدى. تاماق ئەسناسىدا چېن يىگۇاڭ مېنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ۋە كىملىكىمنى سورىدى. ئەمەلىيەتتە (ئۇ بىلەتتى ۋە مېنى گەپكە سېلىۋاتاتتى) ئارقىدىن «بىز بەزى ئىنسانلارنىڭ كىملىكىنى بەش قولدەك بىلىمىز، بەزى ئىشلارغا بىلىپ تۇرۇپ يول قويىمىز» دېدى.  بۇ ماڭا ئېيتىلغان سۆز ئىدى.

بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ قېرىنداشلار ساخاۋەت فوندىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ۋە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېنىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەت قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى نامىدا باشقۇرىدىغانلىقىنى، فوندنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا ج خ نازارىتىدىن پېنسىيەگە چىققان قۇربان روزى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالىم ئىسىملىك بىرەيلەن ۋە چېن يىگۇاڭ قاتارلىقلارنىڭ بۇ ساخاۋەت قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى،بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا پائالىيەت قىلىشىمىزغا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇردى. مېنىڭ ئىشخانامغا بىر خىزمەت تىزىملىكى ئەكەلگەن بولۇپ بۇنىڭدا مېنى كارخانىچىلاردىن ئىئانە توپلاشقا ، فوندنىڭ قۇرغۇچىسىنى تەشۋىقاتقا، ئىقتىسادنى باشقۇرۇش  ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە  بۇ ئۈچ كىشى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ ئارقىلىق  فوندنى رەسمىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈۋېلىش نامى ئاستىدا نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

بۇ قېتىمقى  مۇراسىمدىن كېيىن ***(مەلۇم پېشقەدەم ئۇيغۇر ئەمەلدار) ماڭا:» ئۇكام سەن كەت، قانچىلىك تېز كەتسەڭ شۇنچە ياخشى، ئارقاڭدا قالغان مال -مۈلكۈڭگە تارتىشما، ئۇيغۇرلارنىڭ قارا كۈنلىرى ئەمدى باشلىنىدۇ، سىلەرمۇ ئۇزاققا بارالمايسىلەر» دېگەن ئىدى. ۋە 5-ئاينىڭ 1- باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاھالە كومىتېتى ئارقىلىق سىستېمىلاشتۇرۇپ تۇرغۇزغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپ سىستېمىسىنى چېگرادىن كىرىش –چىقىش سىستېمىسىغا ئۇلىۋېتىدىغانلىقى، پۈتۈن چېگرادىن كىرىش –چىقىشنى كورلىدىكى 4- ھەربىي رايون نامىدا ئاتالغان خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشقۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېتەلىگەن كېتەلەيدۇ دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن 2016- يىلى 5- ئايدىن كېيىن كېلىدىغان تۈركىيە ساياھەتچىلىرىمۇ ئاساسەن توختىدى. بۇ ۋەقە مېنىڭ ئەمدى ۋەتەندە تۇرۇشۇمنىڭ ئىمكانسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. 2016-يىلى 3-ئايدا، بىر ئۆمۈر ۋەتەن دەپ ياشاپ، ۋەتەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم.

بۇ ئۈچ قېتىملىق سۆھبەتتىن شۇ نەتىجە چىقىدۇ، بىر ئاخباراتچىنىڭ كۆزى بىلەن قارىغاندا، ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىگە بۇ خىتاينىڭ سۆزلىرىنى تەتبىقلىغاندا، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىدىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنلا ھازىرلىق قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان ئىدى. 

Uyghur Reporter

Next Post

ئافغانىستاندا كۆكنارنى كىم تېرىيدۇ؟

پە ئاۋغۇست 26 , 2021
ئافغانىستان ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىشتا بىرىنچى بولدى، تالىبان باش جىنايەتچىمۇ؟

You May Like