گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-سېنتەبىر

17- سېنتەبىر شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف (Düsseldorf)شەھىرىدە ،خىتايغا قارشى نامايىش بولدى. 
فاشىست خىتاينىڭ  كارانتىن باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇرىستاننىڭ غۇلجا، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ، ئاچ قويۇش ۋە ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتىدا تەمىنلىمەسلىك ۋە يا قەستەن ئاچ قويۇش ئارقىلىق، سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشتەك قەبىھ ئىنسانلىققا زىت بۇلغان جىنايەتلىرىگە قارشى، دۈسسەلدۇفتكى ئۇيغۇر ياشلىرى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگەن. مەزكۇر نامايىشقا نوردخايىن ۋىست فالىن (Nordrhein Westfalen)ئۆلكىسىدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 40 يېقىن ئۇيغۇر ۋە ئاز ساندا تۈركلەرمۇ قاتناشقان.

بۇ نامايىش شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14:00 باشلاپ، سائەت 16:30 تە، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ھېچبىر توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىش دۈسسەلدۇف پويىز بېكىتىدىن باشلاپ، دۈسسەلدۇفتكى نوردخايىن ۋىست فالىن (Nordrhein Westfalen)ئۆلكىلىك پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، قىسقىچە سۆز قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتايدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ۋەقەگە ئۇچراپ 27 كىشى قازا قىلغان

يە سېنتەبىر 18 , 2022
خىتايدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ۋەقەگە ئۇچراپ 27 كىشى قازا قىلغان

You May Like