دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىرېلاندىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ئىرېلاندىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 22-فېۋرال

 ئەسلى ئاپتورى:  Tess Langbroek

تەرجىمىدە: يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگلىزچە قانىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئالاھىدە ئاخبارات خادىمى مارىي لاۋلور خانىم ۋە مىنىستىرلىقنىڭ بىر قانچە نەپەر ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىدە بولغان. 

ئىرېلاندىيە مەتبۇئاتى Independent.ie نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر كۆرۈشۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى دەرھال بايانات يوللاپ ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئېرېلاندىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار باياناتىدا كونا سەنىمى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلات دەپ ئەيىبلىگەن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشكەن ئىرېلاندىيە ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،  ئىرېلاندىيە پۇقراسى Richard O»Halloran خىتايدا قانۇنسىز ھالدا ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىكەن. 

خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى: 

https://uyghurtimes.com/posts/a4b6d016-8388-40fc-9964-d9af9da32468/china-warns-ireland-as-world-uyghur-congress-delegation-meets-with-irish-official

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قانداق دۆلەت قۇرۇش كىرەك؟ ئابدۇۋەلى ئايۇپ-2018-يىلى يېزىلغان

سە فېۋرال 22 , 2022
قانداق دۆلەت قۇرۇش كىرەك؟ ئابدۇۋەلى ئايۇپ-2018-يىلى يېزىلغان

You May Like