دۇنياغا داڭلىق بالېت ئارتىسى ئۈرۈمچىدە كىشىلەرگە دۇنيا بويىچە ئورۇنداش ئەڭ تەس بولغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى تەقدىم ئەتتى

30-ئىيۇل كەچتە، ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى 5-نۆۋەتلىك ختتاي <<شىنجاڭ>> خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئەڭ نادىر نومۇرلارنىڭ بىرى بولغان تارىخىي بالېت «ئاققۇ كۆلى»دىنمۇ ئۇزۇن بولغان، بالېت ساھەسىدىكى ئەڭ تەس ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۇسسۇلچى ئايال»نى تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى.

30-ئىيۇل كەچتە، ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى 5-نۆۋەتلىك ختتاي <<شىنجاڭ>> خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئەڭ نادىر نومۇرلارنىڭ بىرى بولغان تارىخىي بالېت «ئاققۇ كۆلى»دىنمۇ ئۇزۇن بولغان، بالېت ساھەسىدىكى ئەڭ تەس ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۇسسۇلچى ئايال»نى تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى. بۇ قېتىمقى ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپىرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى دۇنيا بويىچە ئالتە چوڭ داڭلىق بالېت ئۆمىكىنىڭ بىرى بولغان سانكت مارىنىسكىي بالېت ئۆمىكىنىڭ باش ئەر بالېت ئاكتيورى دانىللا كورسۇنتسېۋ ۋە موسكىۋا چوڭ تىياتىرخانىسى بالېت ئۆمىكىنىڭ باش ئايال بالېت ئاكتيورى مارىيا ئارىسانى تەكلىپ قىلىپ نومۇر ئورۇندىدى.   «ئۇسسۇلچى ئايال» ھىندىستاننىڭ داڭلىق شېئىرىي دىراممىسى «شاۋخۇنتالا»نى سىنارىيىلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن بىر تىراگىدىيە ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. ياساۋۇل سورو تەڭرى ئىبادەتخانىسى ئىچىدىكى مۇقەددەس ئوت ياققۇچى ئۇسسۇلچى ئايال نىجىيانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، لېكىن ياساۋۇل بىلەن مەلىكە گەنجادىغا بۇرۇنلا چاي ئىچۈرۈلۈپ قويۇلغان بولۇپ، بولغۇسى ئېرىنىڭ ئۇسسۇلچى ئايال بىلەن بولغان شەخسىي ھېسياتىنى ئۇقۇپ قالغان مەلىكە ئۇسسۇلچى ئايالنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان ياساۋۇل ئۇخلاپ، چۈشىدە بىر روھلار پادىشاھلىقىغا بارىدۇ، ئۇ يەردە ئاق لىباس كىيگەن روھلارنىڭ ئۇزۇن رەت بولۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇ رەتتە ئۇسسۇلچى ئايالنىڭ روھىنىڭمۇ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېتىدۇ.        

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بالىلىرىمىزدىكى روھىي ئازادىلىكنى قانچىلىك قېزىۋاتىمىز؟

سە ماي 1 , 2018
يېقىندا، توردىن پارىژدىكى ئېففىل مۇنارى ئەتراپىدىكى مېترو بېكىتىدە، 11 , 12 ياشلاردىكى بىر توپ فىرانسۇز ئوقۇغۇچىلار ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇلار تۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى تامدا فىرانسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىككى پارچە رەسىمى چاپلاقلىق بولۇپ، بىرتەرىپىدە بىر تېرە – بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ يەردە ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى، يەنە بىر تەرىپىدە بىر بالا ئەخلەت دۆۋىسىنى ئاختۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى.

You May Like