دۇنيا خرستئانلىرىنىڭ داھىيسى پوپ فرانسىس ئاخىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلدى.

كاتولىك دىنى پوپى فرانسىس يېقىندا نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا ئۇيغۇرلارنى «ئېزىلگۈچى خەلق » دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى روھىنگالىقلار ۋە يازىدىلارغا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ پۈتۈن دۇنيا مېدىيالىرىنىڭ كۈچلۈك خەۋەر قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۈچ يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
24- نويابىر، ۋاشىنگتون

 

كاتولىك دىنى پوپى فرانسىس يېقىندا نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا ئۇيغۇرلارنى «ئېزىلگۈچى خەلق » دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى روھىنگالىقلار ۋە يازىدىلارغا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ پۈتۈن دۇنيا مېدىيالىرىنىڭ كۈچلۈك خەۋەر قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۈچ يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منستىرى مايك پومپىيو ئۆتكەن يىلى فرانسىسنىڭ خىتاي بىلەن كاتولىك دىنى كېلىشمنامىسى تۈزگەنلىكىگىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

 

پوپنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشى يەھۇدىيلارنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى، يەھۇدىي راببىلىرى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ئىككى دىننڭ ئاساسەن دېگۈدەك چوڭ تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلغان بولدى.

 

ئىسلام دىنى خەلقئارا تەشكىلاتلىرى، مۇسۇلمان داھىيلار، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تېخى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلمىدى. ئەكسىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ب د ت دا ئۈچ قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىلەت تاشلاشتا، خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبستان، پاكىستان، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تارىخى بار بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەر كۆپ ئېلىپ بېرىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۆركەش تەيۋەن پارلامېنتى كشلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە باش كاتىپى بولدى.

سە نويابىر 24 , 2020
دېموكراتىك زات، تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دىموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇزۇن مۇددەت تەيۋەندە تەتقىقات، پائالىيەت ۋە مېدىيا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچىسى ئۆركەش دۆلەت 23- نويابىر كۈنى تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى (تەيۋەن پارلامېنتى) دا قۇرۇلغان «كىشلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.

You May Like